- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ماندېلا 95 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كېسەل كارىۋىتىدا ئۆتكۈزدى، پۇقرالار سەمىمىي بەخت تىلەشتى
2013.07.19 17:05 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ماندېلا 18-ئىيۇل دوختۇرخانىدا 95 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى. جەنۇبىي ئافرىقىدا كۆپ خىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، «مادىبا» (ئەسكەرتمە: مادىبا ماندېلانىڭ جەمەتىنىڭ فامېلىسى، تەھرىردىن )غا تۇغۇلغان كۈن تەبرىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن 4-قېتىملىق «خەلقئارا ماندېلا كۈنى»نى كۈتۈۋالدى. «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرى شۇ كۈنى يوھانىسبورگ ۋە پرىتورىياغا زىيارەتكە باردى، نۇرغۇن جەنۇبىي ئافرىقىلىقلار باشقىلارغا ئاكتىپلىق بىلەن 67 مىنۇت ياردەم بېرىش ئارقىلىق ماندېلانىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى ئېلىپ بارغان 67 يىللىق كۆرىشىنى خاتىرىلەيدىغانلىقىنى، ھەمدە ھەركۈننىڭ ماندېلا كۈنى قىلىپ بېكىتىلىشىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار