ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 7-ئاينىڭ 16-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئېرلاندىيەلىك بىر 8 ياشلىق ئوغۇل بالا خارىي.فورلىن بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى نەپىسى توختاپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان سىڭلىسى ئىزابېلنى 22 قېتىم ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتقۇزۇۋېلىپ، يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالدىكى سالماقلىقنى نامايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جىددىي قۇتقۇزۇش مەشىقىنىڭ ياشلار ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.
مەيلى تېلىۋوزۇر كۆرىۋاتقاندا بولسۇن، ياكى تاللا بازىرىدىن مال سېتىۋالغاندا ياكى ئائىلە بويىچە سرتقا چىققاندا بولسۇن، خارىي سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ئارقىلىق سىڭلىسىنى قۇتقۇزۇۋالغان. ئاپىسى مارىيە ئوغلىنىڭ 2ياشتىن ئاشقان قىزىنى قايتا-قايتا قۇتقۇزۇۋالغانلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلەنگەن، ئۇ خارىينىڭ بىرىنچى قېتىم ئېزابىلنى قۇتقۇزغان چېغىدا ئائىلىدىكىلەرنىڭ تېلىۋوزۇر كۆرۈۋاتقانلىقىنى، شۇ چاغدا ئېزابىلنىڭ قاتتىق يىغلاپ، ئارقىدىن چىرايىنىڭ كۆكۈرۈپ، خۇدىنى يوقاتقانلىقىنى، خارىينىڭ بولسا ئىنتايىن تەمكىن ھالداسىڭلىسىنىڭ پۇتىنى ئۇرغاچ ئىسمىنى چاقىرغانلىقىنى، سۈئىي نەپەسلەندۈرگەندىن كېيىن، ئېزابىلنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
مەنبە: خەلق تورى