خەلق تورىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە«چەنجىڭ ئاخباراتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوساكا شەھىرىدىكى ئەسلىدىكى ساماۋى نەزمىخانا خارابىلىقى «ئۆلۈم دۇنياسى» ناملىق ئالۋاستى ئۆيى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، 12-ئىيۇل تاراتقۇلار ۋە يەرلىك ئاھالىگە ئېچىۋېتىلدى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئالۋاستى ئۆيىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 80 مېتىر بولۇپ، پۈتۈن مۇساپىنى بېسىپ بولۇش ئۈچۈن 10 مىنۇت كېتىدىكەن، ئىچىدە پۇشايمان تىياتىرى تاقىۋەتكەن ئەرۋاھلارنىڭ يازمىلىرى، پانىي ئالەمدىكىلەر خىيال قىلغان «باقىي ئالەم» بار ئىكەن. مەلۇم ئوساكا شەھەر ئاھالىسى ئالۋاستى ئۆيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن باشتىن ئاخىرىغىچە راستىنلا قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
مەنبە: خەلق تورى