خەلق تورىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردە، جياڭسۇ ۋۇشىنىڭ لياڭخۇ يولى بىلەن قۇرۇلۇش شىمالىي يولىنىڭ بوگۇڭداۋ يۆنىلىشىدىكى قىزىل چىراغ دوقمۇشى ھاۋا ئۇدا قىزىپ كېتىش ۋە نەچچە توننىلىق قۇرۇلۇش ماشىنىلىرىدىن ئىبارەت قوش بېسىمنىڭ تەسىرىدە، قوش لېنىيەلىك ماي يول يۈزى ئېغىر دەرىجىدە ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن يول تورداشلار تەرىپىدىن «تاشقى پىلانت ئادىمىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش سەنئىتى» دەپ ئاتالغان. بۇ ئەھۋالدىن تاش يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە بەلگىلىك يوشۇرۇن خەۋپ يەتكەن.
مەنبە: خەلق تورى