خەلق تورىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، گۈيجوۋ ئۆلكىسى تەيجياڭ ناھىيەسى فاڭجاۋ يېزىسى ۋۇجۈن كەنتى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن، يېزا-كەنتلەر خارابىلىققا ئايلىنىپ قالدى
2013-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 17 لەر ئەتراپىدا، گۈيجوۋ ئۆلكىسى تەيجياڭ ناھىيەسى فاڭجاۋ يېزىسى ۋۇجۈن مياۋزۇلار مەھەللىسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، بۇ كەنتتىكى 10 كەنت گۇرۇپپىسىدىن 1ىنچىدىن8ىنچىگىچە بولغان گۇرۇپپىنىڭ تۇتاش سېلىنغان ياغاچ ئۆيلىرى ۋە ئۆي ئىچىدىكى مال-مۈلۈكلەرنىڭ ھەممىسى ئوت دېڭىزىدا كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى، بەخىتكە يارىشا ئوت ئاپىتىدە تالاپەت كۆرۈلمىدى. ھازىر ئوت كېتىش سەۋەبى، زىيانغا ئۇچرىغان ئاھالە سانى ۋە ئىقتىسادىي زىيان قاتارلىقلار ستاتېستىكىلىنىۋاتىدۇ.