باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بېرما زۇڭتۇڭى ۋۇ دېين سېين بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بارلىق سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2013.07.16 17:24   مەنبە: خەلق تورى

بېرما زۇڭتۇڭى ۋۇ دېين سېين
بېرما زۇڭتۇڭى ۋۇ دېين سېين

  خەلق تورىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە رادىئو شېركىتى (BBC) تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۇنجى قېتىم ئەنگىلىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولغان بېرما زۇڭتۇڭى ۋۇ دېين سېين 15-ئىيۇل بۇ يىل يىل ئاخىرىغىچە بارلىق سىياسىي جىنايەتچىلەرنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ۋۇ دېين سېين لوندوندىكى بىر ئەقلىي ئامبار تەشكىلاتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە يىل ئاخىرىغىچە بېرمىدا ۋىجدان جىنايەتچىسى بولمايدۇ، بىر ئالاھىدە كومىتېت ھەربىر سىياسىي جىنايەتچىنىڭ دېلوسىنى كۆزدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ،دەپ بىلدۈرگەن.

  ئۇنىڭدىن سىرت، ۋۇ دېين سېين يەنە بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى ئايدا ئولۇسلار بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئولۇس توقۇنۇشىنى تۈگەتكەنلىكىنى، كەلگۈسى نەچچە ھەپتە ئىچىدە پۈتۈن مەملىكەتتە ئۇرۇش ئوتىنى توختىتىپ، 60 يىل داۋام قىلغان ئولۇس توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ۋۇ دېين سېين بېرمىنىڭ سىرتقا بېقىنىپ قالغۇسى يوقلۇقىنى، ئۆزىگە تايىنىدىغانلىقىنى، پەقەت ئۆتكۈنچى مەزگىلدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

  ۋۇ دېين سېين ھازىر 2 كۈنلۈك ئەنگىلىيە زىيارىتىدە بولۇۋاتىدۇ، ھەمدە، ئەنگىلىيەنىڭ باش ۋەزىرى كامېيرون بىلەن كۆرۈشۈپ، سودا ئىشلىرى، ياردەم ۋە دېموكراتىك تەرەققىيات قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ.

  كامېيرون بېرما زۇڭتۇڭىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ ھەرىكەت قوللىنىشى زۆرۈرلۈكىنى، بېرمىدىكى روھىنىيە مىللىتى مۇسۇلمان ئازسانلىق مىللەتلىرىگە قىلىنىۋاتقان مۇئامىلىگە ئۆزىنىڭ «ئالاھىدە دىققەت» قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  BBC نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا بېرمىدا كەم دېگەندىمۇ 200 ئادەم دىنىي زوراۋانلىقتا ئۆلۈپ كەتكەن، ئون مىڭلىغان ئادەم يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلغان، ئۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسىمى مۇسۇلمانلار ئىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق 230 مىڭ ئوقۇغۇچى 300 نۆۋەتچى پويىزنىڭ ياردىمىدە يۇرتىغا بىخەتەر قايت…
      ·ئاسپىرانتلاردىن ھەق ئېلىشتا «قوش رېلس تۈزۈمى» بىكار قىلىنىدۇ
      ·ھەرقايسى دۆلەت بالىلىرى تەتىلنى قانداق ئۆتكۈزىدۇ
      ·مۇستەقىل تاللاشتا قوبۇل قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىلار تولۇق كۇرس 1–تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشقا قاتناشتۇرۇلىدۇ 
      ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ
      ·شىنجاڭ بىلەن ئەزەربەيجان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق بۆسۈش ئېغىزى ئىزدىمەكتە
      ·تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ۋە قوبۇل قىلىش نەتىجىسى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخىرەتلىك خىزمەتلەرنى پۇختا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى
      ·شىنجاڭ 7-ئاينىڭ 10كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆز ئالدىغا تاللاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·2013-يىللىق ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بېيجىڭدىكى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى