خەلق تورىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈنۈگۈن سەھەر سائەت 2 دە، شاڭخەيدىمۇ دوختۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. مەست بولۇپ قالغان 5 نەپەر شەھەر ئادىمى دوڭفاڭ دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنى قالايمىقان قىلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ 3 نەپەر سېستىراسىنى 20 نەچچە مىنۇتقىچە توختىماي تېپىپ، ئۇرۇپ كەتتى. خەۋەر ئېلان بېرىلگىچە، ج خ ئورگىنى جىنايى ئىشلار دېلوسى بويىچە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇپ، تەكشۈرۈشكە باشلىدى. دوڭفاڭ دوختۇرخانىسى تۈنۈگۈن كەچتە مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ۋەقە تۇغدۇرغۇچىنى قاتتىق جازالاپ، داۋالاش خادىملىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە كەسپىي قەدىر- قىممىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشكە مۇراجىئەت قىلدى.