خەلق تورىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى، گۈيجوۋ ئۆلكىسى توڭرىن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى غەربىي رايوندىكى 5 ناھىيەنىڭ ج خ ئالاھىدە چارلاش ساقچى ئەترىتى جىددىي ھەرىكەتكە كېلىش ۋە كوللېكتىپ ۋەقەلەرنى بىرتەرەپ قىلىش تاكتىكىسى بويىچە دوكلات مانىۋېرى ئۆتكۈزدى. ھەرقايسى ناھىيەلەرنىڭ ج خ ئالاھىدە چارلاش ساقچى چوڭ ئەترەتلىرى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇپ، زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۈرۈشلۈك قوراللىرىنى ئېلىپ، دەرھال يىنجياڭ مىللىي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىغا يىغىلىپ، كوللېكتىپ ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا يېنىك قوراللىنىش تاكتىكىسى، ۋە زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئېغىر قوراللىنىش تاكتىكىسى مانىۋېرى ئېلىپ بېرىپ، كوللېكتىپ ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى.
رەسىمنى خەلق تورىنىڭ رەسىم قانىلى مەزكۇر تورغا مەخسۇس خەۋەر قىلىش ئۈچۈن تەمىنلىگەن. ھەرقانداق تور بېكەت، گېزت-ژۇرنال، تېلىۋېزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ خەلق تورى رەسىم قانىلىنىڭ روخسىتىسىز قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي يۆتكىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلار سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
مۇخبىر: چېن شاۋلەن