خەلق تورىنىڭ 15-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭنىڭ 2013-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس بىرىنچى تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئارخىپ يوللاش، قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، شۇنداقلا بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ بىرىنچى «نەخ مەيدان ئېچىۋىتىش»پائالىيىتى كۈنى. ئۈرۈمچى، سانجىدىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى، ئائىلە باشلىقى، ئوقۇتقۇچى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىستېمىسى ئىستىلىنى باھالاش ئەزاسى ۋەكىللىرى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەخ مەيدانىغا كېلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئەمەلىي مەيداندا ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇيىل ئاپتونوم رايون ئىچى-سىرتىدىكى تولۇق كۇرس بىرىنچى تۈركۈمدىكى 233ئالىي( كەسپىي) مەكتەپلەرگە 22مىڭ 200دىن ئارتۇق شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، ئوقۇغۇچىلار ھەركۈنى سائەت 18دە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzs.edu.cn)نىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكە نومۇرى، كىملىك نومۇرى، مەخپىي نومۇرىغا ئاساسەن قوبۇل قىلىنغان مەكتەپ، كەسىپكە دائىر ئۇچۇرلارنى كۆرسە بولىدۇ.
مۇخبىر: يۈەن يالېي