خەلق تورى خەۋىرى: 7-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، يامغۇردىن كېيىن شىنجاڭ كورلا شەھىرىنىڭ ئاسمىنىدا كەم كۆرۈلىدىغان قوش يۆنىلىشلىك ھەسەن ـ ھۈسەن پەيدا بولدى. شۇ كۈنى سائەت 20:00لەردە شىنجاڭ كورلا شەھىرى ئاسمىنىدا قوش يۆنىلىشلىك ھەسەن ـ ھۈشەن تەخمىنەن 15 مىنۇتتىن ئارتۇقراق تۇردى. ئىگىلىنىشىچە، 4-ئىيۇندىن باشلاپ، كورلا رايونىدا ئارىلاپ يامغۇر يېغىپ تۇرۇشتەك ھاۋا رايى كۆرۈلگەن.