خەلق تورىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ خەۋەر باياناتچىسى پېسكوف رۇسىيە تاراتقۇلىرىغا ئىسپات بېرىپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ رەپىقىسى ريۇدمىرا پۇتىن بىلەن ئاجراشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، پۇتىن ئەر ـ ئايال شۇ كۈنى كەچتە كرېملىن سارىيىدا بالىت ئۇسسۇلى كۆرگەن. بۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئەر ـ ئايال ئىككەيلەننىڭ تۇنجى قېتىم ئوچۇق ـ ئاشكارا كۆپچىلىككە كۆرۈنۈشى بولۇپ، پۇتىن ۋە ئايالى ئويۇن تۈگىگەندىن كېيىن «رۇسىيە ــ24» تېلېۋىزىيەسى قانىلىدا ئىككەيلەننىڭ ئاللىقاچان ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىغان.