گىلاس پىشتى
2013.05.23 14:35 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
5-ئاي كىرىشى بىلەن، يەكەن ناھىيەسىدىكى گىلاسلار پىشىپ بازارغا سېلىندى. 21-ماي، مۇخبىر يەكەن ناھىيەسىنىڭ مىشا يېزىسىدىكى گىلاسلىق باغدا گىلاسلارنىڭ مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەنلىكىنى، دېھقانلارنىڭ ئالدىراش گىلاس ئۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.
مىشا يېزىسىنىڭ شامالباغ كەنتى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى داڭلىق گىلاس كەنتى بولۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى گىلاس كۆلىمى 200 مودىن ئاشىدۇ. بۇلتۇر، بۇ كەنتتىدىكى دېھقانلارنىڭ گىلاستىن قىلغان كىرىمى 6 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوتتۇرىچە كىرىمى 1500 يۈەندىن ئاشقان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە