18 – ئاپرېل ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بېيجىڭغا ئېكىسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشكە قاراپ ماڭغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق 7 ئاز سانلىق مىللەتتىن تەشكىللەنگەن 100 مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق ساياھەت يېتەكچىلىرى ئولتۇرغان T70 قېتىملىق «تۆمۈر بۇقا» پۇشقۇرتقىغىنىچە پايتەختكە يولغا چىقتى.
پويىز بىردەمدىلا داۋانچىڭ رايونىدىن ئۆتۈپ تۇرپان رايونىغا كىرىپ كەلدى، جاي – جايلاردىن كېلىپ، پويىز ۋاگونىدا تۇنجى قېتىم ئەسرالاشقان يىگىت – قىزلار بىردەمدىلا ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ۋاگون ئىچى كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋەتتى، بىرسى ناخشا ئېيتسا، بىرى ئۇسسۇل ئوينىدى، بولۇپمۇ تۇرپان دىيارىدىن كەلگەن مۇستافا توختى كورىيەنىڭ داڭلىق ئۇسسۇلى «گاڭنام سىتايل» نىڭ مۇزىكىسىغا نازىركوم ئۇسسۇلى ئويناپ بۇنى بىز «تۇرپان سىتايل» دەيمىز دەپ تونۇشتۇرۇۋېدى، پۈتكۈل سەپەرداشلار تازا كۈلدى. ئولتۇرغان پويىزىمىز كەڭ كەتكەن بىپايان سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكلەرنى، پەلەمپەيسىمان ئېتىزلىقلارنى، نىڭشيا ۋادىسىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ ئەتىسى كەچ سائەت 8 يېرىمدا بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىغا يېتىپ كەلدى.
نەچچە كۈندىن بۇيان يامغۇر يېغىپ، سوۋۇپ كەتكەن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھاۋارايى خۇددى بىزنى قارشى ئالغاندەك 20 – ئاپرېل ئاپتاپ شەرق ئاسمىنىدىن پارلاپ چىقتى، تېمپىراتۇرامۇ ئالدىنقى كۈنىدىكى 3 گىرادۇستىن بىراقلا 15 گىرادۇسقا چىقتى. ئەتىگەن سائەت 8 دە ساياھەت يېتەكچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن 3 گۇرۇپپا ئاپتوموبىلدا تيەنئەنمېندىكى خۇيزۇلار ئاچقان، تارىخى 100 يىلدىن ئاشقان «دوڭلەيشۈن» رېستۇرانىغا بېرىپ غىزالاندۇق. ئاندىن تيەنئەنمېن مەيدانىغا كىرىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىسىنى كۆردۇق، رەتلىك تىزىلىپ جۇڭگو خەلقىنىڭ داھىيسى يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ خاتىرە سارىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇق، ئۇنىڭ ھەيكىلىگە گۈل قويۇپ، ئۇنىڭغا بولغان چەكسىز ھۈرمىتىنى بىلدۈردۇق. ئارقىدىن تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقىپ، دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان رەھبەرلەر تۇرغان ئورۇن ۋە ئۇلار ئولتۇرغان ئورۇندۇق، ئۆيلەرنى كۆردۇق، «گۇگۇڭ» موزېيىغا كىرىپ، نەچچە ئەۋلاد خانلار سەلتەنەت سۈرگەن خان ئوردىسىنى كۆردۇق. كەچ سائەت 5 دە ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بېيجىڭدىكى قار لەيلىسى «تەڭرىتاغ» رېستۇرانىغا بېرىپ، سەپەر جەريانىدا تۇغۇلغان كۈنى بولغان ئوۋدۇن چىمىك، ھاۋاگۈل، دىلخۇمار تۇرغان قاتارلىقلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۆتكۈزۈلدى.