باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

چاۋشيەن 2007-يىلى توختىتىپ قويغان ئاتوم رېئاكتورىنى قايتا قوزغىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2013.04.03 15:55         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  08-يىلى 27-ئىيۇن چاۋشيەن نيوڭبيوندىكى يادرو رېئاكتورىنىڭ سوۋۇتۇش مۇنارىنى پارتلاتتى

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، چاۋشيەن يېقىندا 2007-يىلى توختىتىپ قويغان بەش مېگاۋاتلىق گىرافىتلىق سۈرئەت ئاستىلىتىدىغان رېئاكتورنى قايتا قوزغىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . نيوڭبيوندىكى يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ ئاساسلىق قازىنى بولغان بۇ رېئاكتور چاۋشيەن پايتەختى پيوڭياڭنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 100 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ ، ئاتوم بومبىسىغا لازىملىق پلوتونىينى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن . 2007-يىلى ئىيۇلدا ، چاۋشيەن بەش مېگاۋاتلىق بۇ رېئاكتورنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ، 2008-يىلى 27-ئىيۇن نيوڭبيوندىكى يادرو رېئاكتورىنىڭ سوۋۇتۇش مۇنارىنى پارتلىتىپ بۇزۇپ ، ئۆزىنىڭ يادرودىن ۋاز كېچىش ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن .

  چاۋشيەن ئاتوم ئېنېرگىيەسى باش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى 2-ئاپرېل چاۋشيەن مەركەز ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە :پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە يادرو قۇرۇلۇشىنى تەڭلا ئېلىپ بېرىش لۇشيەنىگە ئاساسەن ، چاۋشيەندىكى ئاتوم ئېنېرگىيە تارماقلىرى يادرو سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، دۆلىتىمىزنىڭ توك قىس بولۇش مەسىلىسىنى ئاكتىپ ھەل قىلىدۇ ›› دېگەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە