يېقىندا، كان ئەخلىتى ئازگىلىغا سېلىنىدىغان دۇنيادىكى تۇنجى بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي «شېنكېڭ مېھمانسارىيى» شاڭخەي يۈشەن دۆلەتلىك ساياھەت ئىستىراھەت باغچىسىدا قۇرۇلۇش باشلىماقچى. «شېنكېڭ مېھمانسارىيى» ـــ نىڭ ئېگىزلىكى 70 مېتىر، جەمئىي 19 قەۋەت بولۇپ، ئازگال ئىچى ۋە سىرتىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە بۆلۈنىدىكەن.