باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
باغدادتا كۆپ قېتىملىق پارتلاش يۈز بېرىپ 132 ئادەم ئۆلگەن
2009.10.26 11:18  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
پارتلاشتىن كېيىنكى ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشى

  خەلق تورى دەمەشق 25-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى ئىراق ۋاقتى 25-چېسلا سائەت 10:30 ئەتراپىدا، پايتەخت باغدادتا كۆپ قېتىم ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 132 ئادەم ئۆلۈپ، 512 ئادەم يارىلانغان.

  پارتلاش باغدادنىڭ يېشىل رايونىدىكى ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ۋە باغداد ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە يېقىن يەردىكى تىگلاس دەرياسىغا تۇتاش جايدا يۈز بەرگەن. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىناسى ۋە مەنسۇر مېھمانخانىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئاۋۋال ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش خاراكتېرلىك ئاپتوبومبا پارتلىغان ، تەخمىنەن 10 سېكونتتىن كېيىن، شۇ كوچىدىكى ئەدلىيە مىنىستىرلىكى بىناسىمۇ ئاپتوبومبىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان. لىققىدە پارتلاتقۇچ دورا قاچىلانغان يۈك ماشىنىسىنىڭ پارتلىشى بىلەن نەق مەيداندىكى نۇرغۇنلىغان ئاپتوموبىللارغا ئوت كەتكەن. پارتلاشتىن چىققان قويۇق ئىس –تۈتەكنى نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدىكەن، ئەتراپتىكى ئۆيلەردىكى كىشىلەر بىرىنچى قېتىملىق پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن قېچىپ چىققان. نۆۋەتتە قۇتقۇزغۇچى خادىملار خارابىلىق ئارىسىدىن بەختكە يارىشا ھايات قالغانلارنى ۋە يارىدارلارنى ئىزدەۋېتىپتۇ. ئىراقتىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ دېيىشىچە، يارىلانغانلار، ئۆلگەنلەر سانى داۋاملىق ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن. (مۇخبىر ياڭ جۈن)

  مەنبە: شىنخۇا تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved