باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>بىلىم ــ كۈچ

2016-يىلىدىكى ئون چوڭ ئىلىم-پەن خەۋىرى

2017.02.08 15:51         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1. LIGO تارتىشىش كۈچى دولقۇنىنى تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە ئۆلچىدى

  ئېينىشتېين كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى تۇرغۇزۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئېگىلگەن ماكان – زامان (ۋاقىت – بوشلۇق) خۇددى سۇ دولقۇنىغا ئوخشاش «مەيىن دولقۇن» تارتىشىش كۈچى دولقۇنىنى ھاسىل قىلىدۇ، دەپ ئېيتىدۇ.

  شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر ئەسىر جەريانىدا ئاسترونوملار بىر قىسىم ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلىنىپ تارتىشىش كۈچى دولقۇنىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋاسىتىلىك ئىسپاتلىغان بولسىمۇ، بىۋاسىتە ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنىدى، پەقەت 2016–يىلى 2–ئاينىڭ 11–كۈنى لازېر نۇرى ئىنتېرفېرىنسىيەسى تارتىشىش كۈچى دولقۇنى رەسەتخانىسى (LIGO)نىڭ ئىككى دېدىكتورى يەر شارىدىن 3 مىليارد يورۇقلۇق يىلى يىراقلىقتىكى ئىككى قاراڭغۇ ئۆڭكۈر بىرلەشكەندە پەيدا بولغان تارتىشىش كۈچى دولقۇنىنى ئۆلچىدى. LIGOنىڭ بۇ قېتىمقى بايقىشى كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ توغرىلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپلا قالماي، يەنە تارتىشىش كۈچى دولقۇنى ئاسترونومىيەسىنىڭ يېڭى بىر دەۋرىنى ئېچىپ، ئاسترونوملارنى ئاسمان جىسىملىرى ۋە پايانسىز ئالەمنى تېخىمۇ ياخشى تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  2. AlphaGo دۇنيا قورشاۋ شاھمات چېمپىيونى لى سېدولنى مەغلۇپ قىلدى

  2016–يىلى 3–ئاينىڭ 9–كۈنىدىن 15–كۈنىگىچە كورېيەنىڭ سېئول شەھىرىدە گۇگولنىڭ «DeepMind» شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان سۈنئىي ئىدراك پىروگراممىسى AlphaGo دۇنيا قورشاۋ شاھمات چېمپىيونى لى سېدول بىلەن بىر مەيدان مۇسابىقىلىشىدۇ، ئاخىرىدا 1: 4 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلىپ پۈتۈن دۇنيانى لەرزىگە سالىدۇ. AlphaGo بىلەن لى سېدولنىڭ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىسى سۈنئىي ئىدراك تەرەققىيات تارىخىدىكى يېڭى بىر نامايەندە بولۇپ، سۈنئىي ئىدراكنىڭ باش كۆتۈرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى ھەم سۈنئىي ئىدراك قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.

  3. جۇڭگو دۇنيادىكى تۇنجى كىۋانت ئۇچۇر–ئالاقە سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەردى

  ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كىۋانت ئۇچۇر – ئالاقە تەتقىقاتىغا ئىشلىتىلىدىغان «سىياھ» ناملىق تۇنجى ئىلمىي تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھى 2016–يىلى 8–ئاينىڭ 16–كۈنى سەھەردە ئېلىمىزنىڭ جيۇچۇەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىپ، پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان، ئاسمان ۋە يەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن كىۋانت ئۇچۇر – ئالاقە تورى بەرپا قىلىشنىڭ تېخنىكا ئاساسىنى تىكلەپ، كىۋانت ئۇچۇر – ئالاقە دەۋرىنىڭ پەردىسىنى ئاچتى. يېرىم ئەسىر ئىلگىرى فىزىكا ئالىملىرى كىۋانت نەزەرىيەسىگە ئاساسلىنىپ كىرىستال لامپا ۋە لازېر نۇرى ئاپپاراتىنى ياساپ چىقىپ بىرىنچى قېتىملىق ئۇچۇر ئىنقىلابىنى بارلىققا كەلتۈرگەن، كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت تورى ئىنسانىيەت دۇنياسىنى ئۆزگەرتكەنىدى. بۈگۈن كىۋانت ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى، ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچۇر ئىنقىلابىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى تېزلەتتى. «كىۋانت مەخپىي ئاچقۇچىنى تارقىتىش» ۋە «كىۋانتلىق يوللاش» ۋەكىللىكىدىكى كىۋانت ئۇچۇر تېخنىكىسى، دەرىجىدىن تاشقىرى تېز ھېسابلاش ئىقتىدارىغا ئىگە كىۋانت كومپيۇتېرى كەلگۈسىدە چوقۇم ئىنسانىيەت دۇنياسىنى يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىدۇ.

  4. دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كالىبىرلىق شار يۈزلۈك رادىيو تېلېسكوپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى

  2016–يىلى 9–ئاينىڭ 25–كۈنى كالىبىرى 500 مېتىرلىق شار يۈزلۈك رادىيو تېلېسكوپ FAST جوڭگونىڭ گۈيجۇ ئۆلكىسى پىڭتاڭ ناھىيەسىدە رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. FASTنىڭ ئانتېننا يۈزى 30 پۇتبول مەيدانىچىلىك چوڭلۇقتا بولۇپ، غايەت زور قوبۇللاش يۈزى ئۇنى ئىنتايىن يۇقىرى كۆزىتىش سەزگۈرلۈكىگە ئىگە قىلىدۇ. FASTنىڭ سىرتقى يۈزى نۇرغۇنلىغان ئۈچبۇلۇڭ شەكىللىك قايتۇرغۇچى تاختىلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر بىر پارچىسىنى يۆتكەش ئارقىلىق ئانتېننانىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ تەڭشەشكە، شۇ ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان يۆنىلىشلەردىكى ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزىتىشكە بولىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ كۆزىتىش دائىرىسىنى كائىناتنىڭ چەتلىرىگىچە كېڭەيتەلەيدۇ. ئاسترونوملار بۇ غايەت زور «كۆز»نىڭ ياردىمىدە يۇلتۇز سىستېمىلىرى ئارىسىدىكى ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق قاراڭغۇ ماددىلارنى تەكشۈرىدۇ، قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ ماسسىسىنى ئۆلچەيدۇ، ھەتتا مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن بولغان تاشقى ئالەم مەدەنىيەتلىرىنى ئىزدىيەلەيدۇ.

  5. پەن–تېخنىكا ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى

  2016–يىلى 11–ئاينىڭ 8–كۈنى ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى تىرامپ دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارىنى مەغلۇپ قىلىپ ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولدى. گەرچە بۇ ۋاقىت خاراكتېرلىك زور سىياسىي خەۋەر بولسىمۇ، ئەمما بۇ چوڭ سايلام جەريانىدا پەن–تېخنىكا ئىزچىل ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپ كەلدى. چوڭ سايلام مەزگىلىدە مىليونلىغان ئەگەشكۈچىلەر Facebook ۋە Twitter قاتارلىق يېڭى پەن–تېخنىكا تاراتقۇلىرىدا جاھاننى بېشىغا كىيىشىپ، ئاساسلىق ئەنئەنىۋى تاراتقۇلارنى بېسىپ چۈشۈپ، تىرامپنىڭ غەلىبە قىلىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى. چوڭ سايلامنىڭ نەتىجىسىنى مۆلچەرلەشتە دىراماتىك بىر كۆرۈنۈش يۈز بەردى. ئاساسىي تاراتقۇلار بىر تەرەپتە ھىلارىنىڭ سايلىنىشىنى مۆلچەرلەۋاتقاندا، يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرىدىن سانلىق مەلۇمات يىغقان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسى MogAIنىڭ مۆلچەرى ئاساسىي تاراتقۇلار بىلەن قارىمۇ قارشى چىقىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا MogAI يېڭىپ چىقىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى ئۇدا تۆتىنچى قېتىم توغرا مۆلچەرلىشى بولۇپ قالىدۇ.

  6. يۈزدىن ئارتۇق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى گېن ئۆزگەرتىشنى كوللېكتىپ قوللىدى

  2016–يىلى 6–ئاينىڭ 29–كۈنى يۈزدىن ئارتۇق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى بىرلەشمە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىغا قارشى تۇرماسلىقىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلدى. بۇ قېتىمقى ئوچۇق خەتنى 1993–يىلى نوبېل فىزىيولوگىيە مۇكاپاتى ۋە مېدىتسىنا مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى رىچارد ج روبېرتس (Roberts J. Rid) ۋە فىلىپ ئا شارپ (Sharp A. Phillip) چىقارغان بولۇپ، نوبېل مۇكاپاتى ساھىبلىرى بۇ ئوچۇق خەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى ئىلمىي ئاپپاراتلار ۋە نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئاپاراتلىرى بىيوتېخنىكا ئارقىلىق ئۆزگەرتكەن دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ باشقا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ۋە يېمەكلىكلەردىن بىخەتەر بولىدىغانلىقىنى، گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ھازىرغىچە كېسەللىك پەيدا قىلمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. يۈزدىن ئارتۇق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ئاۋامنى ئىلىم – پەنگە ئىشىنىشكە، ئورۇنسىز تەشۋىشلەنمەسلىككە ئۈندىگەن.

  7. «ئەرش ئوردىسى 2» ۋە «خاسىيەتلىك كېمە 11» ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى

  2016–يىلى 9–ئاينىڭ 15–كۈنى «ئەرش ئوردىسى 2» بوشلۇق تەجرىبىخانىسى ئوڭۇشلۇق قويۇپ بېرىلدى ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىردى. 10–ئاينىڭ 17–كۈنى «خاسىيەتلىك كېمە 11» ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئوڭۇشلۇق قويۇپ بېرىلدى ھەم 19–كۈنى سەھەردە «ئەرش ئوردىسى 2» بوشلۇق تەجرىبىخانىسى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلدى، ئالەم ئۇچقۇچىسى جىڭ خەيپېڭ بىلەن چېن دوڭ «ئەرش ئوردىسى 2» بوشلۇق تەجرىبىخانىسىغا كىرىپ ئىلمىي تەجرىبىنى باشلىدى. «ئەرش ئوردىسى 2» جۇڭگونىڭ تۇنجى ھەقىقىي مەنىدىكى بوشلۇق تەجرىبىخانىسى بولۇپ، تۇنجى قېتىم ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك بوشلۇقتا تۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 50 نەچچە تۈرلۈك بوشلۇق ئىلمىي تەجرىبىسى ۋە قوللىنىشچان تەجرىبىلەرنى ئىشلىدى. «ئەرش ئوردىسى 2» بوشلۇق تەجرىبەخانىسى ۋە «خاسىيەتلىك كېمە 11» ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسى، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بوشلۇق پونكىتىنىڭ تەلىپىگە ئەڭ يېقىنلاشقان بىر قېتىملىق ئادەملىك ئۇچۇش بولۇپ، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ چوڭ كۆلەملىك بوشلۇققا ئۇچۇش ۋە بوشلۇق تەجرىبىخانىسى قۇرۇشنىڭ ئاساسىي شەرتلىرىنى ھازىرلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  8. دۇنيادىكى تۇنجى ئۈچ ئاتا–ئانىلىق بوۋاق دۇنياغا كەلدى

  2016–يىلى 4–ئاينىڭ 6–كۈنى دۇنيادىكى تۇنجى «ئۈچ ئاتا–ئانا»لىق بوۋاق مېكسىكىدا دۇنياغا كەلدى. گەرچە بۇ بوۋاقنىڭ ئانىسى جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام بولسىمۇ، لېكىن تېنىدە كەم ئۇچرايدىغان نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدىغان گېن مەۋجۇت بولغاچقا، يېڭىدىن دۇنياغا كېلىدىغان بوۋاققا بۇ خىل گېننى ئىرسىيەت قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، ئامېرىكا نيۇ يورك يېڭى ئۈمىد كۆپىيىش مەركىزىدىكىلەر ئۇرچۇقسىمان تەنچە يادروسىنى يۆتكەش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئانىنىڭ تۇخۇمىدىكى ساغلام ھۈجەيرە يادروسىنى باشقىلار ئىئانە قىلغان، ھۈجەيرە يادروسى ئېلىۋېتىلگەن تۇخۇمغا كۆچۈرۈپ بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئانىسىنىڭ ھۈجەيرە يادروسىنىڭ DNAسىغا ھەم ئىئانە قىلغۇچىنىڭ يىپسىمان تەنچىسىنىڭ DNAسىغا ئىگە بولغان ساغلام تۇخۇمغا ئېرىشىدۇ. تۇخۇم ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن دۇنيادا ئۈچ ئادەمنىڭ ئىرسىيەت ماددىسىغا ئىگە بولغان تۇنجى ھامىلە بولۇپ قالىدۇ. گەرچە بۇنىڭدا ئەخلاق تەرەپتىن ھەر خىل مۇنازىرىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، يەنىلا كۆپىيىش تېبابىتى ساھەسىدىكى ناھايىتى زور تەرەققىيات دەپ قارالماقتا، بۇ ئېھتىمال كەلگۈسىدە ئىرسىي كېسەللىكلەر ۋە چوڭ ياشلىق ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىك بولالماسلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن.

  9. ئالىملار يەر شارىغا ئەڭ يېقىن بولغان ياشاشقا باب كېلىدىغان سەييارىنى بايقىدى

  2016–يىلى 8–ئاينىڭ 25–كۈنى ئەنگلىيە لوندون مارىي خانىش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىمى گىللىئام ئانگلادا ئېسكۇدې «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا، ئۆزىنىڭ ياۋروپا جەنۇب رەسەتخانىسى (ESO)نىڭ تېلېسكوپى ۋە باشقا ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ پىروكسىما يۇلتۇزىنى ئايلىنىدىغان ئولتۇراقلىشىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر سەييارىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. پىروكسىما يۇلتۇزى قۇياش سىستېمىسىغا ئەڭ يېقىن تۇرغۇن يۇلتۇز بولۇپ، قۇياش سىستېمىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئارانلا 4.2 يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ. بۇ سەييارە پىروكسىما b دەپ ئاتالغان بولۇپ 1995–يىلىدىن بۇيان بايقالغان قۇياش سىستېمىسى سىرتىدىكى 3500 سەييارە ئىچىدىكى يەر شارىغا ئەڭ يېقىن سەييارىدۇر. ئالىملارنىڭ قارىشىچە پىروكسىما bنىڭ سىرتقى يۈزىدە سۇيۇق ھالەتتىكى سۇ مەۋجۇت بولۇشى، مۆتىدىل قىزىل پەتەك يۇلتۇزمۇ بۇ سەييارىنى ھاياتلىقنىڭ كۆپىيىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن ئىكەن.

  10. SpaceX دېڭىزدا راكېتا قايتۇرۇپ كېلىشنى تۇنجى قېتىم ئۇتۇقلۇق ئەمەلگە ئاشۇردى

  2016–يىلى 4–ئاينىڭ 9–كۈنى سەھەردە ئامېرىكا ئالەم تەكشۈرۈش تېخنىكا شىركىتى SpaceXنىڭ «بۈركۈت 9» ناملىق توشۇغۇچى راكېتاسى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ دېڭىز يۈزىدىكى قايتۇرۇپ كېلىش سۇپىسىغا ئۇتۇقلۇق قوندى. تۆت قېتىملىق مەغلۇبىيەتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن SpaceX تۇنجى قېتىم دېڭىزدا راكېتا قايتۇرۇپ كېلىشنى ئۇتۇقلۇق ئەمەلگە ئاشۇردى. قۇرۇقلۇقتا قايتۇرۇپ كېلىشكە قارىغاندا دېڭىزدا قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ، مەسىلەن، بەزى ئۇچۇش ۋەزىپىلىرىدە يېقىلغۇ يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن قۇرۇقلۇققا قونالمايدۇ، ئەمما دېڭىز يۈزىگە بىۋاسىتە قونالايدۇ. بۇ ئىككى قېتىملىق راكېتا قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى، راكېتانىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بىر قېتىملىق توشۇش قورالى بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، راكېتادىن تەكرار پايدىلانغاندا راكېتا قويۇپ بېرىش تەننەرخىنى %30 تۆۋەنلىتىپ، قويۇپ بېرىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بۇ يەنە سودا ئالەم قاتنىشىنىڭ يېڭى بىر دەۋرگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر