باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>بىلىم ــ كۈچ

تۇرۇبا مېھمانخانىسى

2015.04.08 16:54   مەنبە: مەركىزى تېلېۋىزىيە تورى

تۇرۇبا مېھمانخانىسى

  گېرمانىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تروللوپ شەھىرىدىكى بېرنارد باغچىسىدا ئۆزگىچە بىر مېھمانخانا بار . بۇ مېھمانخانا ئوتلاققا قويۇلغان بەش تۇرۇبىدىن ياسالغان بولۇپ، تۇرۇبا دەل مېھمانخانىنىڭ ياتىقىدۇر.

  بۇ گېرمانىيەدىكى تۇنجى ھەم بىردىنبىر تۇرۇبا مېھمانخانىسى. بۇ تۇرۇبىلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىر، ئېغىرلىقى بەش توننا، ئايلانمىسى 2.4 مېتىر بولۇپ، بېتوندىن ياسالغان. تۇرۇبىنىڭ بىر تەرىپى ئېتىۋېتىلگەن، يەنە بىر تەرىپىگە تاش ئىشىك ئورنىتىلغان. ھەر بىر تۇرۇبا بىر ياتاق بولۇپ، ئاددىي ھەم ئۆزگىچە، ھەر بىر ئۆيگە ياغاچ كارىۋات ، ماتراس، ئۇخلاش خالتىسى، ئىككى يۇڭ ئەدىيال ۋە ئىككى ياستۇق، ئۈستەل چىرىغى قويۇلغان.

  بۇ مېھمانخانىنىڭ ياتاقلىرىدا شاۋقۇن – سۈرەن ئاڭلانمايدۇ، ئەتراپ مۇھىتىمۇ ناھايىتى جىمجىت، تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىمى ئېغىر كىشىلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئارام ئېلىش ئورنى بولالايدۇ. مېھمانخانىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، مەخسۇس كۈتۈۋېلىش ئورنى يوق، ياتاق زاكاز قىلىش ئالاقە تورىدا بېجىرىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ نوپۇسى بولمىغان بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش تەكشۈرۈشى: 28كېنىشكە تەق بولغاندا ئاندىن دەسلەپكى ت…
      ·پاكىستاندىكى دېپلوم زاۋوتى تەكشۈرۈلمەكتە
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئاز ساندىكى ئالىي سۈپەتلىك مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە بو…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى : ئالىي مەكتەپلەردە ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم،  ئوقۇش سالا…
      ·24- ئىيۇندىن 26- ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 280 مىڭ ئوقۇغۇچى  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتن…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى بويىچە بۇ يىل 6350 كىشى تەربىيەلىىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى بېرىدىغان ۋاسىتىچىلىك ئورنىدىن ئالتىنى ئېلان قىلدى
      ·قازاقىستاننىڭ ھازىرقى زوڭتۇڭى نەزەبايېۋ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى
      ·دۇنيادىكى ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان 9رومانتىك شەھەر
      ·شىنجاڭدىكى 11 ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا 847 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ