باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>پەن-تېخنىكا& IT

بالىلارنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش خەۋپى بارلىقىنى خەۋەر قىلالايدىغان ئۈسكىنە بار بولدى

2013.05.28 17:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياز پەسلىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى بالىلىرىنىڭ سۇغا چۆمۈلگەندە تۇنجۇقۇپ قېلىشى، ئەمما بالىلار سۇغا چۆمۈلگەندە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇلارغا دىققەت قىلىپ يېنىدا يۈرەلىشى ناتايىن، ھەم شۇنداقلار جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ دەل ۋاقتىدا پەيدا بولۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ ئۇلارنى ئەزراھىلنىڭ قولىدىن قوتۇلدۇرىۋېلىش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى ئەمەس. مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بالىلارنىڭ سۇغا چۆمۈلگەن چاغدىكى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىدىكى جىددىي كېسەللەرگە دىئاگنوز قويۇش دوختۇرى-Graham Snyder يېقىندا مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىيالايدىغان ھەم بالىلار خەتەرگە يولۇققان ھامان دەل ۋاقتىدا ئاتا-ئانىلارغا سېگنال بېرەلەيدىغان -Seal سىستېمىسىنى ياساپ چىققان.

  دوختۇر Snyder ئىلگىرى بىر نەپەر ئالتە ياشلىق قىزنىڭ ماتەم مۇراسىمىغا قاتناشقان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ قىز ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە يالغۇز سۇ ئۈزۈۋاتقاندا خەتەرگە يولۇقۇپ سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەنىدى، بۇ قىزنىڭ تۇنجۇقۇپ قالغىنىنى ئۆيدىكىلەر دەل ۋاقتىدا بايقىيالمىغان بولۇپ، ئۇنى بايقاپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندا قۇتقۇزۇشقا ئۈنۈم بەرمىگەن. ئەگەر كىچىك بالىلارنىڭ سۇ ئاستىدا تۇرۇپ قالغان بىخەتەر ۋاقتى مەلۇم چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە ئاتا-ئانىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلارغا ئۇقتۇرۇش قىلالايدىغان بىر خىل ئۈسكۈنە بولغان بولسا ئىدى، بۇ قىز ھازىرمۇ ھايات يۈرەلىگەن بولاتتى، مانا بۇلار دەل دوختۇر Snyder نىڭ Seal سىستېمىسىنى ئېلان قىلىشىنىڭ مەقسىتى ئىدى.

  بۇ سىستېمىنىڭ ئاساسلىق ئۈسكۈنىسى بولسا SealBands ناملىق بىر خىل بويۇنغا تاقىۋالغىلى بولىدىغان ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە بولۇپ، بۇنى بالىلار سۇغا چۆمۈلگەندە بوينىغا تاقاپ قويغاندا، ئەگەر بالىلارنىڭ سۇ ئاستىدا تۇرغان بىخەتەر ۋاقتى مەلۇم چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ھامان، بۇ ئۈسكۈنە ئاپتوماتىك ھالدا بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا شۇنداقلا يېقىن ئەتراپتىكى كىشىلەرگە بالىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغانلىقنى ئەسكەرتىپ سېگنال بېرەلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە