باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىقلار

دۇنيا سەھنىسىدىكى بۇلبۇل دىلبەر يۇنۇس

2012.09.20 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 20-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 4-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت –سەنئەت بايرىمى 2012-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا بېيجىڭدا باشلاندى، ئۇيغۇر ناخشىچى، فىنلاندىيە تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق ناخشىچى دىلبەر يۇنۇس ئويۇن قويۇشقا قاتناشتى، ئۇنىڭ ناخشىسى سانسىزلىغان ئادەمنىڭ يۈرەك-تارىنى چىكىپ، تاماشىبىنلارنى مەس قىلدى، ئۇنىڭدىكى ھىچكىمگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچىلىك، ئۇسلۇب دەل سەنئەت بىلەن تېخنىكىنىڭ مۇكەممەل بىرىكىشى ئىدى.

  دىلبەر يۇنۇس كىچىك ۋاقتىدىلا ناخشا ئېيتىشنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ، يىراق-يېقىنغا داڭقى كەتكەن «كىچىك چولپان» ئىدى، ئەمما ئۇ دائىم بوي ئىگىزلىكى تۈپەيلىدىن سەنئەت مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالماي قالدى. ئۇ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەلۇم بىر پىروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ :« ئەتراپىمدا نۇرغۇن كىشلەر، ئىمتىھان ئالغان مۇئەللىملەر سەنئەت تالانتى بار دەيتتى، ئەمما ھەر قېتىم ئىمتىھان ئالسا ئۆتەلمەيتتىم، 1.50 مېتىر كېلىدىغان بويۇم يولۇمنى توسۇپ قويغان ئىدى، 1976-يىلى، مەن ئاندىن شىنجاڭ ناخشا-ئۆسسۇل ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىندىم».

  شىنجاڭ ناخشا-ئۆسسۇل ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، دىلبەر يۇنۇس سەھىنىگە چىقىپ نومۇر ئورۇندىمىغان، ئۇ بۇ يەردە مىللىي چالغۇ غىجەك ئۆگەنگەن، ئەمما ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ ناخشا ئېيتىش ئارزۇسىنى ئۇنتۇپ قالمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يىللاردىكى ناخشا ئوقۇتقۇچىسى گو لىڭبىغا ئۇچرىغان. گو لىڭبى مۇنداق دەيدۇ :« دىلبەرنىڭ ماڭا بەرگەن بىرىنچى تەسىرى ناھايىتى ياخشى، ناھايىتى تەبئىي، بىر ئىشلارنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدۇ». شۇنىڭ بىلەن دىلبەر ئۆز ئارزۇسى بويىچە گو مۇئەللىمگە ئەگىشىپ، ناخشا ئېيتىشنى ئۆگىنىدۇ، 1980-يىلى مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، داڭلىق مۇزىكانت شن شياڭدىن تەلىم ئالىدۇ، ئۇنىڭ ناخشا ئېيتىش تېخنىكىسىى بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ ماڭىدۇ.

  1987-يىلى، ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ مەركىزىي تىياتىر ئۆمىكىدە ئىشلەيدۇ، ئىككىنچى يىلى، يەنى 1988-يىلى ئۇ فىنلاندىيە دۆلەتلىك تىياتىرخانىغا بېرىپ، يالغۇز كىشىلىك ناخشىچى بولۇپ، ياۋروپا سەھنىسىدىكى ھاياتىنى باشلايدۇ، 1993-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە گىرمانىيە بوئىن دۆلەتلىك تىياتىرخانىدا يالغۇر كىشلىك ناخشىچى بولىدۇ. ئۇ ئىتالىيە، فىرانسۇز، نىمىس، ئىنگىلىز، فىنلاندىيە، شىۋىتسىيە تىلىنى ياخشى بىلىدۇ.

  دىلبەر يۇنۇسنىڭ نۇرلۇق سەھنە ھاياتى ئارقىسىدا بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئاچچىق ئىشلار بار. 2004-يىلى ئۇ داڭلىق رېجىسسور يۈ ياڭ (موڭغۇل)نىڭ ئوغلى يۈ شياۋياڭ بىلەن توي قىلغان، ئەمما 2005-يىلى 1-ئايدا، يۈ شياۋياڭ فىلىم ئىشلەش جەريانىدا زىققا كىسىلى قوزغىلىپ قېلىپ قازا قىلغان، دىلبەر ئۇ ۋاقىتتا فىنلاندىيەدە ئويۇن قويۇۋاتقان بولۇپ، ئويۇن قويۇپ قايتىپ كەلگەن دىلبەر يۈ شياۋياڭنى قايتا كۆرەلمىگەن. قاتتىق ئازابتا قالغان دىلبەر بىر يىلدەك ئاۋازىنى چىقىرالماي قالغان، بىر يىللىق تەڭشەشتىن كېيىن، ئۇ ئاندىن قايتىدىن سەھنىگە چىققان.

  دىلبەرنىڭ ئاۋازاى نۇرغۇن كىشلەر تەرىپىدىن «كىرىستال ئاۋازى» دەپ تەرىپلەنگەن، فىنلاندىيە، شىۋېتسىيە ئەلچىلىرى ئۇنى مەدھىيلەپ، «دۆلەت گۆھىرى» دەپ ئاتىغان، لېكىن دىلبەر ئۆزىنىڭ ياۋروپادىكى نام-ئاتىقىغا ئېتىبار بېرىپ كەتمەيدۇ، ئۇ ئىزچىل ھالدا ۋەتىنى ئۈچۈن، خەلقى ئۈچۈن ناخشا ئېيتىشىنى ئارزۇ قىلىپ كەلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر