مەملىكىتىمىزنىڭ تاشقى سودىسىدا مۇقىملىشىش ئالامىتى كۆرۈلدى
2009.08.18 14:01
گېزىتىمىز بېيجىڭ 17-ئىيۇل تېلېگراممىسى.گەرچە دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سودىسى يەنىلا تۆۋەنلەش ئارىلىقىدا تۇرىۋاتقان بولىسمۇ،لىكىن بىر قاتار كۆرسەتكۈچلەر تاشقى سودىدىكى مۇقىملىشىش ئالامىتىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.
سودا مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ياۋ جيەن بۈگۈن مۇنۇلارنى ئاشكارلىدى:7-ئايدا ئېكىسپورت زاكاس تالونى كۆرسەتكۈچى%51.2بولۇپ،ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.7 پوئېنت ئاشقان .5-ئايدىن بۇيان بۇ كۆرسەتكۈچ ئۇدا 3 ئاي %50دىن ئاشقان.جۇڭگونىڭ ئېكىسپورت كونتىينىر توشۇش باھاسىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى 14-ئاۋغۇست 858.63بولۇپ،17 -ئىيۇلدىكىگە قارىغاندا %9.08ئاشقان.چوڭ كۆلەملىك پورت تاشقى سودا يۈك ئوبورتىغا قارىغاندا،بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان يۈك ئوبورتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 0.12 پوئېنت ئاشقان،1-ئايدىن 7-ئايغىچە تاشقى سودا يۈك ئوبورتى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ،ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 1.9 پوئېنت ئاشقان.بۇ كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ھەممىسى ئىلىمىز تاشقى سودىسىدا مۇقىملىشىش ئالامىتى كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.(گۇڭ ۋېن خەۋىرى )
مەنبە:خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىريە(پراكتىكانت)