باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
مەملىكەت بويىچە 6-ئايلىق مالىيە كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 19.6 ئاشتى
2009.07.14 16:10  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  مالىيە كىرىمى بۇ يىل ئالدىنقى 4 ئايدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.9 تۆۋەنلەپ كەتتى، 5-ۋە 6-ئايدا تەدرىجىي ئېشىپ باردى   ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە مالىيە كىرىمى 3 تىرىليون 397 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولدى، مالىيە چىقىمى 2 تىرىليون 890 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولدى。

  خەلق گېزىتى، بېيجىڭ 13-ئىيۇل تېلېگراممىسى :  مالىيە مىنىستىرلىكى بۈگۈن مۇنداق دەپ ئېلان قلدى: مەملىكەت بويىچە 6-ئايلىق مالىيە كىرىمى 686 مىليارد 747 مىليون يۈەن بولدى، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 112 مىليارد 365 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، %19.6 ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە مالىيە كىرىمى 3 تىرىليون 397 مىليارد 614 مىليون يۈەن بولدى، بۇ بۇلتۇرقى  ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 83 مىليارد 205 مىليون يۈەن كېمىيىپ، %2.4 تۆۋەنلىدى. مالىيە كىرىمىدە باج كىرىمى 2 تىرىليون 953 مىليارد 7 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى  ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 تۆۋەنلىدى؛ باجدىن باشقا كىرىم 444 مىليارد 607 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.4 ئاشتى.   ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە مالىيە چىقىمى 2 تىرىليون 890 مىليارد 256 مىليون يۈەن بولدى، بۇ بۇلتۇرقى  ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 602 مىليارد 54 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، %26.3 ئاشتى.   ( مۇخبىر لى لىخۇي )

  مەنبە : خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved