باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى

Chanel ماركىسىنىڭ قۇرغۇچىسى Coco Chanel

2014.08.14 09:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  Chanel شىنىل ماركىسى خانىم-قىزلىرىمىزغا ناتونۇش بولمىسا كىرەك، ھازىر بۇ ماركا دۇنيادىكى داڭلىق ھەشەم بۇيۇملارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالدى، مەيلى شىنىلنىڭ گىرىم بۇيۇملىرى بولسۇن ياكى كىيىم-كىچەكلىرى بولسۇن بازاردا ئوخشاشلا ئالقىشقا ئېرىشكەن. تۆۋەندە شىنىل ماركىسىنىڭ قۇرغۇچىسى كوكو شىنىل ھەققىدە سۆزلەپ بىرىمىز.


  شىنىل ماركىسىنىڭ قۇرغۇچىسى كوكو شىنىل 1983-يىلى فىرانسىيەدە تۇغۇلغان، ئالتە ياش ۋاقتىدا ئاپىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، دادىسى ئۇ ۋە ئۇنىڭ تۆت ئىنى سىڭلىسى تاشلاپ كىتىپ قالغان، شۇنىڭدىن كىيىن، ئۇنى ھاممىسى بىقىپ چوڭ قىلغان، ئۇ قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇش جەريانىدا تىككىچىلىكنى ئۆگىنىۋالغان، شىنىل 22ياشقا ۋاقتىدا، قەھۋەخانىلاردا ناخشىچى بولغان ھەم ئۆزىگە كوكو دەپ ئىسىم قويىۋالغان، ئۇ مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن توختىماي پۇل تىپىش كويىغا چۈشكەن، ئۇ شۇ ۋاقىتتا تونۇشقان بىر قانچە بايۋەتچىنىڭ ياردىمىدە، يىتەرلىك پۇل يىغغاندىن كىيىن پارىژدا ئاياللار باش كىيىمى دۇكىنى ئاچقان، ھەممە ئۆزىنىڭ تىككۈچىلىك ھۆنىرىگە تايىنىپ، ئاددىي ئەمما نەپىس باش كىيىملىرى بىلەن خىرىدارلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ئەينى ۋاقىتتا ئاياللار شۇ ۋاقىتتىكى تىكىلىشى مۇرەككەپ، ھەرخىل كەشتىلەنگەن بۇيۇملاردىن نارازى بولۇپ يۈرگەچكە، شىنىلنىڭ ئاددىي باش كىيىملىرى تىزدىنلا بازارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، قىسقىغىنا بىر يىلدا شىنىلنىڭ سودىسى ئۇنىڭغا خىلىلا پايدا ئىلىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن شىنىل دوكىنىنى شۇ ۋاقىتتىكى مودا بۇيۇملار كوچىسى رۇ كامبونغا يۆتكىگەن، مانا شىنىلنىڭ ھازىرقى باش دۇكىنىمۇ دەل رۇ كامبون كوچىسىدا، ھازىر نۇرغۇن ساياھەتچىلەر پارىژغا بارغاندا، ئالايىتەن بۇ كوچىغا كىلىپ شىنىلنىڭ باش دۇكىنى ساياھەت قىلىپ كىتىدۇ.


  شىنىل دۇكىنىنى رۇ كامبۇنغا يۆتكىگەندىن كىيىن، پەقەت باش كىيىم سودىسى قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قىلىشنى خالىمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىيىم-كىچەك ساھەسىگە قەدەم تاشلايدۇ 1914-يىلى ئۇ ئىككى كىيىم-كىچەك دۇكىنى ئاچىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دۇنيا مۇدا ساھەسىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن شىنىل ماركىسى رەسمىي دۇنياغا كىلىدۇ. شۇڭلاشقا بىز شىنىل ماركىسىنى باش كىيىمدىن باشلانغان دېسەكمۇ بولىدۇ، تاھازىرغىچە ياۋرۇپادىكى نۇرغۇن خان جەمىئىتى يەنىلا باش كىيىم بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇقىنى باشقىلارغا نامايەن قىلىپ كەلمەكتە. شۇڭلاشقا شىنىلنىڭ ئىشنى باش كىيىمدىن باشلىشىنى ئىنتايىن توغرا تاللاش دەپ قاراشقا بولىدۇ.


  20-ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كىيىن، شىنىل يەنە ماركىسىغا نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى سىڭدۈرگەن، يەنى قارا رەڭلىك شىنىلنىڭ كۆينىكى، ئىگىز ياقىلىق كوپتىلىرى قاتارلىقلار شۇ ۋاقىتتا بازارغا سىلىنغان مانا بۇ مەھسۇلاتلار ھازىرمۇ شىنىلنىڭ سىتىلىشى ئەڭ داڭلىق مەھسۇلاتلىرى، بۇ چادا شىنىل ماركىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىك، شىنىل ئۆزىنىڭ ماركىسىغا ئەرەنچە كىيىم-كىچەكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كىرگۈزۈپ، ئەركىن ۋە ئاددىي كىيىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان خىزمەتچى خانىم-قىزلارغا ئۆزگىچە تاللاش ئىلىپ كەلگەن. بۇ ئەينى ۋاقىتتا ئىنتايىن چوڭ بۆسۈش ھىساپلىناتتى، چۈنكى ئۇ دەۋرىدە ئاياللار پەقەت كۆينەكلا كىيەتتى، ئەرەنچە ئىشتان كىيىشنى ھىچكىم خىيالىغا كەلتۈرمىگەن، شۇڭلاشقا ئەرەنچە كىيىنىشكە شىنىل ماركىسى تۈرتكە بولغان دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.


  شىنىل ئۆزىنىڭ ماركىسىغا يېڭى ئىدىيەلەرنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن، نۇرغۇن شائىر، مۇزىكانت ۋە رەسساملار بىلەن دوست بولغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە داڭلىق رەسسام بىكاسو، فىرانسىيەنىڭ داڭلىق رىژىسسورى جىن كوستۇ قاتارلىقلار بار، دەل فىرانسىيە سەنئەت ساھەسىدىكى بۇ كاتتا زاتلارنىڭ ياردىمىدە شىنىل ئۆزىنىڭ ماركىسىغا شۇ دەۋرنىڭ كۈچلۈك سەنئەت بۇرىقىنى قوشقان.


  كىيىم-كىچەكتىن باشقا، شىنىل 1922-يىلى داڭلىق 5-نومۇرلۇق ئەتىرىنى بازارغا سالىدۇ، شىنىل 5-نومۇرلۇق ئەتىرى دۇنيادىكى تۇنجى لاھىلىگۈچىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئەتىر، ئەتىر بوتۇلكىسى ئۈستىدىكى قوش س ھەرىپىمۇ بۇ ئەتىرنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى سىتىلغان ئەتىرلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن. مانا ھازىرمۇ شىنىلنىڭ تور بىكىتىگە كىرسىڭىز 5-نومۇرلۇق ئەتىرنىڭ ئىلانى ئالدى بىلەن كۆزىڭىزگە چىلىقىدۇ، 5-نومۇرلۇق ئەتىر تاھازىرغىچە شىنىلنىڭ 1-قاتاردىكى مەھسۇلاتى بولۇپ كەلمەكتە.
دەل سودىسى تازا ئىقىۋاتقاندا، شىنىل ئۆزىنىڭ دۇكىنى تاقاپ، شۇ ۋاقىتتىكى گىرمانىيەلىك فاشىست ئوفىتسىر لايىقى بىلەن شىۋىتسارىيە قىچىپ بىرىۋالىدۇ، 1954-يىلى ئۇ فىرانسىيەگە قايتىپ كىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئاددىي ۋە ئۆزگىچە ئۇسلۇبى ئارقىلىق تىزلا قايتىدىن پارىژدىكى خانىم-قىزلارنىڭ مەيلىنى ئۆزىگە قارىتىۋالىدۇ. ئۇنىڭ ماركىسىنى تېزدىن تىرىلدۈرىۋىلىشى نۇرغۇن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ، مودا ئىقىم ساھەسىدىكى رىۋايەتكە ئايلىنىدۇ.


  گەرچە شىنىل كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان بولسىمۇ، لىكىن مۇھەببەت تۇرمۇشى ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمىغان، ھەتتا باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا 3-شەخس بولۇپ ئارىلاشقان ۋاقتىمۇ بولغان، شۇڭلاشقا كىشىلەر ئۇنىڭغا باھا بەرگەندە دائىم ئۇنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كىتىدۇ.


  مۇشۇنداق كەچۈرمىشى سەۋەبىدىن ئۇ بىر ئۆمۈر توي قىلمىغان، ھەتتا ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ئەتراپىدىكى ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدىغان كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ئاياللارغا بولغان بارلىق تەبىي گۈزەل تۇيغۇلىرىنى ماركىسىغا سىڭدۈرگەن، ھەر ۋاقىت ئەتراپىدىكى شەيئىلەردىن پايدىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تىرىشقان، ئۇنىڭ نەزىرىدە پەقەت ئاددىي نەرسىلەرلا ئەڭ مۇرەككەپ بولغان گۈزەللىكنى ئىپادىلىيەلەيدۇ، مەسىلەن ئاق ۋە قارا رەڭ ئۇنىڭ قارىشىدىكى ئەڭ ئاددىي شۇنداقلا ئىپادىلەش كۈچى ئەڭ كۈچلۈك رەڭلەر، بۇنىڭدىن ئارتۇق رەڭ پەقەت كىشىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان گۈزەللىكىنى يوشۇرۇپ، كىشىگە يۈك بولۇپ قالىدۇ.


  Chanel ئىزچىل خىزمىتىنى ياخشى كۆرۈپ كەلگەن، ھەتتا 70ياشقا كىرىپ قالغاندىمۇ، شىركەتكە كىلىپ ئەھۋال ئىگەللەپ تۇرغان، ئۇ تالانتلىقلار سورۇن ھازىرلاپ بىرىشنى ماركا تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا دەپ قارىغان، شۇڭلاشقا شىنىل ماركىسىنىڭ داڭلىق لاھىيەلىگۈچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ قارىشى ۋە سەنئەت ئۇسلۇبى بويىچە ئىش قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، يەنى شىنىلنى دۇنياغا يۈزلەندۈرگىنى شىنىلنىڭ ئۆزى بولسا، ئۇنى داۋاملىق ئىلگىرلىشىگە شىنىلنىڭ تاللىغان باش لاھىيەلىگۈچىلىرى سەۋەپ بولغان، خۇددىي تالانت ئىگىسىلا تالانت ئىگىسىنى بىر كۆرۈپ تونىۋالالايدۇ دېگەندەك ئۇنىڭ تاللىشى شىنىل ماركىسىنىڭ داۋاملىق جۇش-ئۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان.


  نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە شىنىلنىڭ دۇنيا مودا ئىقىمىغا قوشقان ئەڭ چوڭ تۆھپىسى دەل ئۇنىڭ ئاياللار گۈزەللىگە بولغان ئاددىي ئەمما تەبىئىي باھاسى، شۇڭلاشقا ھازىرقى مودا ئىقىمىدا شىنىل ماركىسى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بىلەن پۇت تىرەپ تۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر