- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە توغرا كېلىدىغان ئون مىڭ يۈەنلىك باج يۇقىرىمۇ-تۆۋەنمۇ؟
2014.02.18 15:41 مەنبە: خەلق تورى
يېقىندا، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ «جۇڭگونىڭ مالىيە سىياسىتى دوكلاتى 2013 ــ 2014» ئېلان قىلىش يىغىنىدا بەزى ئالىملار ئېلىمىز «كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە ئون مىڭ يۈەن باج توغرا كېلىدىغان باسقۇچ»قا قەدەم قويدى، دېدى. بۇ جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە ئون مىڭ يۈەن باج توغرا كېلىش زادى قانداق بىر ئۇقۇم؟ مۇتەخەسسسىلەر بۇ ھەقتە مۇنداق چۈشەندۈرۈش بەردى: ئاتالمىش «كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە ئون مىڭ يۈەن باج توغرا كېلىش»، ئەمەلىيەتتە «كىشى بېشىغا ئوتتۇرىچە توغرا كېلىدىغان مالىيە كىرىمى»نى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئۆلچەمدە جۇڭگو دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەردىن تۆۋەن تۇرىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر