باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى

شىنجاڭنىڭ 15 كارخانىسى جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كارخانىسى قاتارىغا كىردى

2013.11.04 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ لېي خەۋىرى: 2013 – يىللىق جۇڭگو قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كارخانىلىرى تەرەققىيات مۇنبىرى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭدىن 15 كارخانا 2013 – يىللىق جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كارخانىسى قاتارىغا كىرىپ، 2012 – يىلىدىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك كۆپەيدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2013 – يىللىق جۇڭگو قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كارخانىلىرى تەرەققىيات مۇنبىرىنى جۇڭگو قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كارخانىلىرىنى باشقۇرۇش جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، شىنجاڭ ‹‹چىڭسۇڭ›› قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى – خىمىيە سانائىتى (گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ غەربىي رايون قۇرۇلۇش پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ‹‹دېكۈن›› قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، كورلا ‹‹لۇيۆ سەنچۈەن›› قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ‹‹شېڭشيۇڭ›› ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ‹‹مېڭشىن›› سېمونت چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو نېفىت – تەبىئىي گاز گۇرۇھ شىركىتىنىڭ شىنجاڭ تۇرۇبىچىلىق قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى، ‹‹تيەننېڭ›› سېمونت چەكلىك شىركىتى، گۇچۇڭ ناھىيەلىك قارامايلى كانچىلىق چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ‹‹لەنشەن تۈنخې›› شەكىللىك ماتېرىيال چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ‹‹داتاڭ دېڭۋاڭ›› سېمونت چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ‹‹خۇاچياڭ›› مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ‹‹تيەندۈن›› ئالاھىدە سېمونت چەكلىك شىركىتى، گۇچۇڭ ناھىيەلىك ‹‹شىنلېي›› تاش ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ‹‹پېڭيۈەن›› يېڭى ماتېرىيال پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 15 كارخانا جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كارخانىسى قاتارىغا كىرگەن. يەنە گۇچۇڭ ناھىيەلىك ‹‹شىنلېي›› تاش ماتېرىياللىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ ‹‹پېڭيۈەن›› يېڭى ماتېرىيال پاي چەكلىك شىركىتىمۇ ئەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە 100 كۈچلۈك قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كارخانىسى قاتارىغا كىرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر