باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى

تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىناق قىلىنغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىكى ئىشلار(2)

2013.03.20 16:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە – ئىقتىساد ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات يۈرتى مالىيە – ئىقتىساد ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جىيوڭ مۇنداق دېدى: كارخانا بېجىنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە نۇرغۇن ئامىل سەۋەب بولىدۇ. بەزى كارخانىلارنىڭ باج سوممىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ۋاقىتلىق ھادىسە بولۇپ، بۇنى باج تۈزۈمىدىكى يېتەرسىزلىك پەيدا قىلغان ئەمەس.

  چاغاندىن ئىلگىرى، سۇجۇ شەھىرى «تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش»نى سىناق قىلغان باج سوممىسى كۆپرەك ئېشىپ كەتكەن 88 قاتناش تىرانسپورت كارخانىسىغا مۇئەييەن دەرىجىدە مالىيەدىن ئالدىن 10 مىليون يۈەن تولۇقلىما بەرگەن، بۇ، «تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش»نى سىناق قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئۆتكۈنچى مالىيە ياردەم پۇلىنى تۇنجى قېتىم سىناق تەرىقىسىدە تارقىتىشى ھېسابلىنىدۇ. سىناق نۇقتىسى قىلىنغان ساھەلەرنىڭ ئومۇمىي باج سوممىسىنىڭ ئاشماسلىقى ياكى سەلپەل تۆۋەنلەپ كېتىشى بىلەن تەكرار باج ئېلىشنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىش» دېگەن باج تۈرىنى ئۆزگەرتىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، «تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش» سىناق قىلىنىپ يېرىم يىلدىن كېيىن، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى باج ئورگانلىرى ھېسابلاپ چىققان باج سوممىسى ئېشىپ كەتكەن ساھەلەرنىڭ ئىچىدە تاپشۇرغان قوشۇلما قىممەت بېجى ئەسلىدىكى تاپشۇرماقچى بولغان تىجارەت بېجى سوممىسىدىن ئېشىپ كەتكەن سىناق نۇقتىسى قىلىنغان كارخانىلار «كارخانىلارنىڭ ئاساسىي باج سوممىسىنى بېكىتىش، ئېشىپ كەتكەن قىسمىغا مالىيەدىن مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىش» پىرىنسىپى بويىچە، مالىيەدىن ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك ياردەم بېرىلدى.

  ياڭ جىيوڭ مۇنداق دېدى: ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى، كارخانىلارنىڭ كەسپىي دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى، بولۇپمۇ ئىسلاھاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ سىناق نۇقتىسى قىلىنغان رايون ۋە ساھەلەر كېڭەيدى ھەم ئالاقىدار يانداشما تەدبىرلەر ئەمەلىيلىشىپ، سېتىۋېلىنغان تۈرلەرنىڭ باج سوممىسىنى تۇتال قىلىپ، كۆپ ساندىكى كارخانىلارنىڭ باج سوممىسى ئېشىپ كېتىش مەسىلىسى تەدرىجىي ھەل قىلىنىدۇ.

  مەملىكەت بويىچە سىناق نۇقتىسى قىلىنغان رايونلاردا، 2012 – يىلى كارخانىلارنىڭ جەمئىي 42 مىليارد 630 مىليون بېجى بىۋاسىتە كېمەيتىلىپ، باجنىڭ كېمىيىش كۆلىمى %90 تىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئاساس قىلغان كىچىك سوممىدىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ بېجىنى كېمەيتىش سالمىقى تېخىمۇ زور بولۇپ، باجنىڭ ئوتتۇرىچە كېمىيىش نىسبىتى %40كە يەتكەن.

  دۆلەت 2011 – يىلى 10 – ئايدا «تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش»نى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىلگىرى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشى توغرىسىدىكى تالاش – تارتىشى خېلى كەسكىن بولدى. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مالىيە كىرىمىنىڭ ئازلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدى، دۆلەتنىڭ ماكرولۇق تەڭشەش قاتلىمى «تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتكەن»دىن كېيىن مەبلەغ سېلىشتا زىيادە قىزىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشىدىن ئەنسىرىدى، بەزى كارخانىلار بېجىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلدى. ئەمما، «تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش»نىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ دەسلىپىدىكى ئەندىشە ۋە تالاش – تارتىشلار تۈگەپ، ئىسلاھات نەتىجىسى مۆلچەردىكىدىنمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە