باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى

تەبىئىي پەننى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ مائاشى يۇقىرىمۇ ياكى ئىجتىمائىي پەننى پۈتتۈرگەنلەرنىڭمۇ؟(1)

2012.12.06 15:54        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ بىر دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە تەبئىي پەننى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ مائاشى ئىجتىمائىي پەنلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ ئۆمرىدە ئىجتىمائىي پەننى پۈتتۈرگەنلەردىن 1مىليون 600مىڭ يۈەن ئارتۇق پۇل تاپىدىكەن.

  يەنى ئوخشاشلا باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، خىزمەت ۋاقتى 40يىل دەپ ھېسابلىغاندا قۇرۇلۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەر مائارىپ كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەردىن بىر مىليون 600مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇ تاپىدىكەن. ئۇنداقتا بۇنىڭ ئىلمىي ئاساسىي بارمۇ-يوق؟ پەنلەر ئايرىمىسى راستىنلا كىرىمگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ قېنى تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى تەھلىللەرگە قاراپ باقايلى:

  «تەبىئىي پەننى ياخشى ئۆگەنسە، دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدە جىنىنى باققىلى بولىدۇ» دەيدىغان بىر گەپ بار. ئەلۋەتتە بۇ بىر جۈملە سۆز ئامېرىكىلىقلارغىمۇ ماس كېلىدۇ، ئامېرىكا نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە: ئوخشاشلا باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى 40 يىل دەپ ھېسابلىغاندا قۇرۇلۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەر مائارىپ كەسپىنى پۈتتۈرگەنلەردىن 1مىليون 600 مىڭ يۈەن ئارتۇق تاپىدىكەن. بۇ خۇددى: «ئەر كىشى كەسىپنى خاتا تاللاپ قېلىشتىن، ئايال كىشى بىرسىگە خاتا ياتلىق بولىشتىن قورقىدۇ»دېگەندەكلا بىر ئىش بولۇپ قالغان.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە