ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە جۇڭگو كارخانىلىرى چەتئەل سالغان مەبلەغ تەخمىنەن 33 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى
2009.11.04 15:20
گېزىتىمىز بېيجىڭ 3-نويابىر تېلېگراممىسى مۇخبىرنىڭ 3-نويابىر ئېچىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگونىڭ چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق سۆھبەت يىغىنىدىن ئىگەللىشىچە، يەرشارىدا دۆلەت ھالقىپ مەبلەغ سېلىش ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن زور مىقداردا ئازىيىۋاتقان ئەھۋالدا، بۇ يىل ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چەتئەللەرگە سالغان مەبلىغى يەنىلا 33 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1 ئاشقان.
سىتاتستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2002-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چەتئەللەرگە سالغان يىللىق مەبلىغى 2مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن تەخمىنەن 56 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، يىللىق ئۆسۈش سۈرئىتى %66 كە يەتكەن. 2008-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چەتئەللەردە ساقلانغان مەبلىغى 184 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، چېگرا سىرتىدىكى ئومۇمىي سوممىسى بىر تىرىلىيون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. ( يى شياۋنىڭ، چىن جىڭۋۇ خەۋىرى)
مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىريە(پراكتىكانت)