پۈتۈن يىللىق «ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئاشۇرۇشتا %8دىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش» چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىملاشتى
2009.10.23 15:03
گېزىتىمىز بېيجىڭ 22-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى دۆلەت ستاتېستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى شياۋچاۋ بۈگۈن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئىقتىسادنىڭ سۇسلىشىش ھالىتى توختاپ، قايتا يۈكسىلىشى پەيدىنپەي كۈچىيىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت پائال ياخشىلاندى. دەسلەپكى مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 21 تىرىليون 781 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، سېلىشتۇرما باھا بويىچە ھېساپلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئېشىپ، ئالدىنقى يىرىم يىلنىڭكىدىن 0.6 پىرسەنت پوئىنتى تېزلەشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچىنچى پەسىللىك GDP بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.9 ئېشىپ، پۈتۈن يىللىق %8 لىك نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى بىر ئاساس سېلىپ بەردى، نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشتىن قارىغاندا، پۈتۈن يىللىق %8 لىك نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۈمىد بار، ھېچقانداق ئەنسىرەش يوق دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز. (مۇخبىر جۇ جيەنخۇڭ)
مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)