ئۆكتەبىر ئالتۇن ھەپتىلىكىدە مەملىكەت بويىچە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 570 مىليارد يۈەنگە يەتتى
بازاردا تەمىنات يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولدى
2009.10.09 15:34
گېزىتىمىز بېيجىڭ 8-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى بۇ يىل ئۆكتەبىر ئالتۇن ھەپتىلىكىدە ئىستېمال بازىرى ئاۋات بولۇپ، سېتىلىش زور دەرىجىدە ئاشتى. سودا مىنىستىرلىكىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن8-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى تەخمىنەن 570 مىليارد يۈەن بولۇپ، كۈنلۈك پارچە سېتىلىش ئۆتكەن يىلدىكى ئۆكتەبىر ئالتۇن ھەپتىلىكىگە سېلىشتۇرغاندا ٪18 ئەتراپىدا ئاشقان. (مۇخبىر گۇڭ ۋېن)
مەنبە : خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)