سودا مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان ئالدىنقى سەككىز ئاينىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە بازار ئېھتىياجى يەنىمۇ ئاشقان
2009.09.16 13:31
ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى ئالدىنقى يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ٪15.1 ئاشقان
ئىمپورت-ئېكسپورت داۋاملىق تۆۋەنلىگەن
چەت ئەلدىن قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئېلىش تىجارەت سوممىسى ئالدىنقى يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ٪34.7 ئاشقان ئۆي-زېمىنغا سېلىنىدىغان مەبلەغ كۆرۈنەرلىك ئاشقان
گېزىتىمىز بېيجىڭ 15-سېنتەبىر تېلېگراممىسى مۇخبىرنىڭ سودا مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىشىچە: يېقىندا دۆلەت يولغا قويغان بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنىڭ تەسىرىدە، خەلق ئىگىلىكىدە داۋاملىق تۈردە مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، بازار ئېھتىياجى يەنىمۇ ئاشتى، 9-ئايدا تاۋار بازىرى سېتىش ئەھۋالى ئەنئەنىۋى مولچىلىق مەزگىلىگە قەدەم قويدى، ئېشىش سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز تېزلەشمەكتە. (مۇخبىر سۇي پېڭ)
مەنبە : خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)