باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا سىرتىدىكى كارخانىلىرى مۈلكىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 1 تىرىليون دوللاردىن ئاشتى
2009.09.09 15:36  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  

  گېزىتىمىز بېيجىڭ 8-سېنتەبىر تېلېگراممىسى بۈگۈن سودا مىنىستىرلىكى، دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى، دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە ئېلان قىلغان «جۇڭگونىڭ 2008-يىلى چەت ئەلگە بىۋاستە سالغان مەبلىغى توغرىسىدىكى ستاتىستىكا ئاخباراتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2008-يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا ئىچىدىكى 8500 مەبلەغ سالغۇچى پۈتۈن دۇنيادىكى 174 دۆلەت ۋە رايوندا بىۋاسىتە مەبلەغ سالىدىغان كارخانىدىن 12000نى قۇرغان، سالغان مەبلىغىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %71.9كە يەتكەن، چەت ئەلگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغىنىڭ يىقىندىكى ساپ نورما 183 مىليارد 970 مىليون دوللارغا يەتكەن، چەت ئەلدىكى كارخانىلار مۈلكىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 1 تىرىليون دوللاردىن ئاشقان.

  2008-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا سىرتىدىكى كارخانىلىرى سېتىشتىن قىلغان كىرىمى 534 مىليارد 300 مىليون دوللار بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %58.3 ئاشقان. 2008-يىلنىڭ ئاخىرى چەت ئەلدىكى كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 1 مىليون 26 مىڭغا يەتكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە ياللاپ ئىشلىتىلىۋاتقان چەت ئەللىك ئىشچىلارنىڭ سانى 455 مىڭغا يەتكەن. ( مۇخبىر گوڭ ۋېن)

  مەنبە : خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved