باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى داۋان ئاشماقتا(2)

2013.07.19 10:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قەشقەردىكى كۆرۈنۈشلەر

  16 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن قەشقەر شەھىرىنىڭ ئارىيا يولىدا شېنجېندىن كەلگەن بىر توپ ساياھەتچىلەر كوزا سېتىۋاتقان ئۇيغۇر بوۋاينىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ، بۇ ئۇيغۇر كۇلاچىلىق ھۈنەر سەنئىتىنىڭ نامايەندىسىگە ھەيران قېلىۋاتاتتى. قولدىن – قولغا ئېلىشىپ كۆرىۋاتاتتى.

  ھېيتكار جامەسى ئالدىدا بېشىغا ياغلىق ئارتىۋالغان ئايال ساياھەتچىلەر ۋە قوللىرىغا تۈرلۈك ئاپپاراتلارنى ئېلىشىۋالغان جۇڭگولۇق، چەتئەللىك ساياھەتچىلەر دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ قەدىمىي جامەنى زىيارەت قىلىشقا كىرىپ كېتىۋاتاتتى.

  گېرماىيەدىن كەلگەن كوخلېر قاتارلىق 25 ساياھەتچى شىنجاڭ جۇڭگ ياشلار ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەت يېتەكچىسى نىساگۈلنىڭ يېتەكچىلىكىدە قەشقەر كونا شەھەر رايونىنى زىيارەت قىلماقتا ئىدى.

  17 – ئىيۇل چۈشتە بېيجىڭدىن كەلگەن ۋاڭ سۇ قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق ساياھەتچىلەر دولان يۇرتى مەكىت ناھىيەسىدىكى 60 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ يېڭىدىن قۇرۇلغان يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ ـــ «دولان يۇرتى» دا كاۋاپ، ئوغلاق گۆشى، باچكا كاۋىپى قاتارلىق نىمەتلەر بىلەن غىزالانغاچ، دولان مۇقامچىلىرى ئورۇندىغان ئېسىل مۇقاملاردىن، قوچقار ۋەتوخۇ سوقۇشتۇرۇش نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ ئولتۇراتتى.

  ــــ قەشقەر ـــ يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت، ئاپرېل ئېيىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسىدە ئازار يىگەن بۇ دىيارنىڭ ساياھەتچىلىكى بۇ يىل ئۇ (ئېنگىلىزچە) ھالىتەك ھالدا بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن تىك سىزىق بويىچە چۈشۈپ كەتكەن ساياھەتچىلىك كەسپى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن قەشقەر ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى ئارقىلىق بولۇپمۇ قەشقەرگە ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە بويىچە قەشقەرگە ساياھەت ئۆمىكى تەشكىللەشتەك زور ياردىمىدە ئاستا – ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى،- دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇپپىسى شۇجىسى گاۋ يى ماڭا.

  شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە ئىشەنچىمىز كامىل
  ئىجتىمائىي مۇقىملىق شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ بارومېتىرى، جەمئىيەت قانچە مۇقىم بولسا، شىنجاڭغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر سانى شۇنچە كۆپىيىدۇ، زىيارەت جەريانىدا مەيلى ساياھەتچىلەر، ساياھەت يېتەكچىلىرى، ساياھەت كارخانىچىلىرى ۋە ياكى ساياھەت تارماقلرى مەسئۇللىرى بولسۇن ھەممىسىنىڭ شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە بولغان ئىشەنچىسى شۇنچە زور بولۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىن تېخىمۇ زور ئۈمىدلەرنى كۈتىۋاتاتتى.

  ـــ شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدىكى بۇيىللىق نىشانىمىزدا ئۆزگىرىش بولغىنى يوق،- دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرپپىسى شۇجىسى لى جىدۇڭ،- ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم، ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا بىز 15 – ئىيۇلدىن 25 – ئۆكتەبىرگىچە شىنجاڭ بويىچە 100 كۈلۈك ساياھەتتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويدۇق. تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ساياھەت كارخانىلىرىغا، سەيلىگاھلارغا تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدۇ، ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسسىتىپ تېخىمۇ زور ئۇتۇق، نەتىجىلەر بىلەن «12 – بەش» يىلنىڭ ئاخىرىغىچە كۈتىۋالغان مېھمان سانىنى 100 مىليونغا، ساياھەت كىرىمىنى 10 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈشكە بۇ يىل ئوبدان ئاساس سالىمىز. (شىنجاڭ ئىتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى؛ فوتوسى)
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە