باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ساياھەت

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى داۋان ئاشماقتا(1)

2013.07.19 10:30   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى داۋان ئاشماقتا(1)

  15 – ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ساياھەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسى شۇجىسى لى جىدۇڭ نۆۋەتتىكى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، ئاخىرىدا ناھايىتى مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى:

  ـــ شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى نۆۋەتتە داۋانغا يامىشىش باسقۇچىدا، داۋاندىن ئېشىش ئاشماسلىق ھەممىمىزگە باغلىق.

  2012 – يىلىدىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مول نەتىجىلەر بىلەن 2013 – يىلىغا غالىپلارچە كىرىپ كەلگەن شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئارقا – ئارقىدىن يۈز بەرگەن بىرقانچە قېتىملىق زوراۋانلىق – تېررورلۇق دېلوسى ۋە ۋەقەلىرى تەسىرىدە ئارقا – ئارقىدىن قاتتىق زەربىگە ئۇچرىدى، كۈتۈلگەن ئارزۇ –ئارمانلار كۆپۈككە ئايلانغىلى تاسلا قالدى. شىنجاڭ ساياھەتچىلىك يىل بېشىدىن باشلانغان شانلىق نەتىجىلىرىدىن قۇرۇق قالغىلى ئازلا قالدى. ساياھەت كوپىراتىپلىرى، سەيلىگاھ، يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا قاتارلىق ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ مېھمان كۈتىۋېلىشى زور دەرىجىدە ئازلاپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە قارىغاندا %30 دىن %50 گىچە چۈشۈپ كەتتى. بولۇپمۇ «26 – ئىيۇل» ۋەقەسىدىن كېيىن شىنجاڭ بويىچە 600 دىن ئارتۇق ساياھەت ئۆمىكى، مەملىكەتلىك 31 قېتىملىق يىغىن كۈتىۋېلىشى، 24 مەخسۇس ساياھەت پويىزى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

  تۇرپاندىكى كۆرۈنۈشلەر

  تۇرپان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ساياھەت رايونلىرىنىڭ بىرى، شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەنلەرنىڭ چوقۇم تاللىشىدىكى بىر مۇھىم ساياھەت لېنىيەسى، 10 – ئىيۇل تۇرپان شەھىرىدىن 40 كلومېتر نېرىدىكى ئېدىقۇت قەدىمىي شەھىرى سەيلىگاھىدا ساياھەتچىلەرنىڭ بۇرۇنقىدەك كۆپلىكىدىن ئەسەر قالمىغان بولۇپ، يېرىم سائەت ساقلىغاندىن كېيىن بۇ يەردە ماڭا فرانسىيەدىن كەلگەن ئىككى ئەر، بىر ئايال ساياھەتچى يولۇقتى، ساياھەت يېتەكچىسى ئارقىلىق ئۇلار بىلەن قىسقىلا پاراڭلىشىپ قالدىم:

  ـــ تۇرپان گۈزەلمىكەن؟

  ـــ ئۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ، سىز شىنجاڭ گۈزەلمىكەن دەپ سورىسىڭىز تېخىمۇ توغرا بولاتتى، چۈنكى بىز تۈنۈگۈن ئاخشام قەشقەردىن كەلدۇق، بۇ يەر ئويلىغىنىمىزدىنمۇ تىنچ، گۈزەل ماكان ئىكەن،- دېدى ئېگىزگىنە كەلگەن مارك ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ.

  پارىڭىمىز ئاياغلىشىشى بىلەن ئۇلار ئېشەك ھارۋىلىق مەپە بىلەن قەدىمىي شەھەر مەنزىرىسىنى كۆرگىلى مېڭىپ كەتتى.

  10 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن شەھەر ئچىگە يېقىن يارغول قەدىمىي شەھىرى سەيلىگاھىدا ساياھەتچىلەر سانى خېلىلا كۆپ بولۇپ، سەيلە قىلىپ بولۇپ قايتىۋاتقان بىرتوپ ساياھەتچىلەر ئارىسىدىن شاڭخەيدىن كەلگەن ليۇ بىڭ ئىسىملىك ساياھەتچى زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:

  ـــ شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشتىن بۇرۇن دوست – بۇرادەرلىرىم ئۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتى ياخشى ئەمەس، بارمىغىن دىگەنىدى، لېكىن مەن يەنىلا كەلدىم چۈنكى پارتىيە – ھۆكۈمەت بولىدىكەن جەمئىيەت ئامانلىقى ھامان ئوڭشىلىدۇ، كوچىلاردىكى چارلاپ يۈرگەن قۇراللىق ساقچى قىسىم ئەسكەرلىرىنى كۆرۈپ تېخىمۇ خاتىرجەم بولدۇم. تۇرپاننىڭ ساياھەت بايلىقلىرى ناھايىتى مول ئىكەن، قايتىپ بېرىپ، دوستلىرىمغا بۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، تۇرپاننىڭ جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ بىر گۈزەل ماكان ئىكەن ئىكەنلىكىنى ئېيتىمەن.

  ـــ تۇرپان ساياھەتچىلىكى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، «26 – ئىيۇل» ۋەقەسى تۇرپان ساياھەتچىلىكىگە زور تەسىر كۆرسەتتى، لېكىن ۋەزىيەتنىڭ تېز ئوڭشىلىشى بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ تۇرپان ساياھەتچىلىكىگە بولغان ئىشەنچىسى تېزدىن ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى، 7 – ئىيۇلدىن باشلاپ تۇرپانغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر سانى ئېشىپ باردى، كۈندىلىك ئېشىش مىقدارى %8 دىن بولدى. مەنمۇ ئالدىنقى كۈنى بىزگە ساھەلەر بويىچە نۇقتىلىق ياردەم بېرىۋاتقان خۇنەندىن قايتىپ كەلدىم، بۇ قېتىم ئۇلار بىلەن 10 مىڭ كىشىلىك ساياھەت ئۆمىكى تەشكىللەش ھەققىدە كېلىشىم تۈزدۇق، ئىيۇلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تۇرپانغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر سانى چوقۇم ئېشىپ ماڭىدۇ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش سەۋىيەسىگە يېتىشقا ئىشەنچىمىز كامىل،- دېدى ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى باشلىقى چېن شۇگو.

  11 – ئىيۇل چۈشتە تۇرپان شەھىرىگە كىرىش ئېغىزىدىكى تۇرپان ھەممىباپ ساياھەتچىلىك چەكلىك شېركىتى ئالدىدا بۇ يەردىن بېلەت سېتىۋېلىشقا كەلگەن ساياھەتچىلەر ناھايىتى نۇرغۇن بولۇپ، شېركەت باش دېرىكتورى ۋاڭ دېفۇدىن ئىگىلىشىمچە، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 گىچە 25680 (قېتىم) ساياھەتچى كۈتىۋالغان بولۇپ، بۇ سان بىر ھەپتىنىڭ ئالدىغا سېلىشتۇرغاندا بىر يېرىم ھەسسە ئاشقان.

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز

  •  تەۋسىيە

    ·فەن چاڭلوڭ قازاقىستان باش مىنىستىرى ئەخمەتوف بىلەن كۆرۈشتى 
    ·كورىيە چەتئەلدە ئوقۇش ۋىزىسىنى ئۇزارتىش كاپالەت سوممىسىنى ئۆرلىتىۋەتتى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپىنڭ يىل چېكىنى ئۇزارتىش شەرت-شارائىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى
    ·ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق 230 مىڭ ئوقۇغۇچى 300 نۆۋەتچى پويىزنىڭ ياردىمىدە يۇرتىغا بىخەتەر قايت…
    ·جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئىقتىساد–سودا ھەمكارلىقى ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى 
    ·ئاسپىرانتلاردىن ھەق ئېلىشتا «قوش رېلس تۈزۈمى» بىكار قىلىنىدۇ
    ·ھەرقايسى دۆلەت بالىلىرى تەتىلنى قانداق ئۆتكۈزىدۇ
    ·مۇستەقىل تاللاشتا قوبۇل قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىلار تولۇق كۇرس 1–تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشقا قاتناشتۇرۇلىدۇ 
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ
    ·شىنجاڭ بىلەن ئەزەربەيجان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق بۆسۈش ئېغىزى ئىزدىمەكتە