باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ساياھەت

يىپەك يولى ساياھەتچىلىكى دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى مېھمانلارنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى

2013.06.28 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20 – ئىيۇن چۈشتە 9 – نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقارا ساياھەت بايرىمىغا قاتناشقان 21 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 198 نەپەر ئەزىز مېھمان ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، يەتتە ئاپتوبۇستا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم بازار، يىپەك يولىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىپ، شۇ كۈنى كەچتە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇرلۇق يۇلتۇز كورلا شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.

  21– ئىيۇن ئەتىگەندە قوزغالغان ئاپتوموبىل ئەترىتى چۈشتە كۆسەن مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان باي ناھىيەسىدىكى قىزىل مىڭ ئۆيىگە يېتىپ كېلىپ، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلگەن 9 – نۆۋەتلىك ئاقسۇ دولان – كۆسەن مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىغا ئىشتراك بولدى. قىزىل مىڭ ئۆيدىكى ھەرخىل تام رەسىملىرىنى كۆردى، داڭلىق ئۇيغۇر بۇددا مەدەنىيىتى تارقاتقۇچىسى كومارىجىۋانىڭ تەرجىمىھالى بىلەن تونۇشتى، قەدىمقى يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان كۈسەن مەدەنىيىتى ھەققىدە تولۇق چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋالىي مەردان مۇقىيىت زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلىدىغان ئاقسۇ دولان – كۆسەن مەدەنىيەت، ساياھەت بايرىمى ئارقىلىق بىز ئاقسۇ دىيارىدىكى دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىپتىدائىي توغراقلىقنى، جۇڭگو بويىچە ئەڭ چوڭ ئىچكى دەريا تارىم دەرياسىنى، يارداڭ يەر شەكلىدىكى تەڭرىتاغ جىلغىسىنى، جۇڭگودىكى تۆت چوڭ مىڭ ئۆينىڭ بىرى بولغان قىزىل مىڭ ئۆيىنى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزگىچە سەنئىتى بولغان سەنەم، مەشرەپ ۋە دولان مەدەنىيىتىنى جۇڭگو ۋە چەتئەل ساياھەتچىلىرىگە تونۇشتۇرۇپ، ئاقسۇنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلىپ، ئۇنى شىنجاڭدىكى 3 – چوڭ ساياھەت ماكانى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز.

  22 – ئىيۇن كەچرەك ئاپتوموبىل ئەترىتى يىپەك يولىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت قەشقەرگە يېتىپ كەلدى. ئاپتاپ پارلاپ چىققان 23 – ئىيۇل ئەتىگەندە جۇڭگو ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر قەشقەرنىڭ خەلقئارا بازىرى، ھېيتكار جامەسى، ئاپپاق خوجا مەقبەرەسى، ئارىيا كوچىسى، مىللىي قول ھۈنەر سەنئەت كوچىسى قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلدى، 600 يىلدىن ئاشقان قەشقەر كونا شەھەر رايونىنى، ئۇيغۇر قول ھۈنەر سەنئىتىنى كۆرۈپ مېھمانلارنىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا قالدى.

  ئارىيا كوچىسىدا كۆرگەن ھەر بىر كۆرۈنۈشنى توختىماي سۈرەتكە تارتىۋاتقان فرانسىيەلىك داڭلىق ساياھەتچى، فوتوگراف گېيۇم ئەپەندى جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت بايرىمىغا ئۇدا بەش قېتىم قاتناشقان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ مەخسۇس يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت قەشقەرنى كۆرگىلى كەلگەنىدى.

  ــ قەشقەرنى كۆرۈپ بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە، قەدىمكى يىپەك يولى مەدەنىيىتىگە، ئىناق ئۆتىۋاتقان ئادەملىرىگە ئاشىق بولۇپ قالدىم، قەشقەرلىق ئۇيغۇر ساياھەت يېتەكچىسى ماڭا يەنە ئىسمىمغا يېقىنراق ئۇيغۇرچە «قېيۇم» دەپ ئىسىم قويۇپ قويدى،- دېدى گېيۇم ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ.

  ـ 2007 – يىلى قەشقەرگە تۇنجى كەلگەنىدىم، ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا كەلگىنىمدە ماڭا تەسىر قىلغىنى بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ يەنىلا شۇنداق ئاقكۆڭۈللىكىنى ساقلاپ قالغىنى، شەھەر تەرەققىياتىنىڭ شۇنچە تېز بولغىنى،- دېدى گېرمانىيە «سەھەر» ساياھەت شېركىتى باش دېرىكتورى برۇيسېر گېرخارد ئەپەندىم قەشقەر شەرقىي كۆل باغچىسى ئالدىدا تۇرۇپ.قەشقەر شەھىرى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھىرىنىڭ ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىدىغان نۇقتىسى بولۇپ، بۇ قېتىم ئالايتەن قەشقەرگە كەلگەن شېنجېن شەھەرلىك ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىيىتى باشلىقى لاۋ جىگۇاڭ ئەپەندىم مۇنداق دېدى:

  ــ قەشقەر ماڭا ئاجايىپ تەسىر قالدۇردى، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار شۇنداق ئاقكۆڭۈل، شۇنداق مېھماندوست ئىكەن، بۇ قېتىم مەن شېنجېندىن قەشقەرگە ياردەمگە كەلگەن كادىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ يىل ئۆكتەبىردە 2 مىليون 500 مىڭ يۈەن پۇل ئاجرىتىپ، قەشقەردىكى نوپۇزلۇق ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى شېنجېندا شىنجاڭ قەشقەر ساياھەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلىشقا تەشكىللەش ھەققىدە كېلىشتىم.

  24 – ئىيۇن ساياھەتچىلەر ئاقسۇ دىيارىغا قاراپ يولغا چىقتى، 25 – ئىيۇن ئەتىگەندە ئونسۇ ناھىيەسىدە «ئونسۇ تەڭرىتاغ جىلغىسى» نى كۆرۈپ، يېقىندىلا دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا كىرگۈزۈلگەن تەڭرىتاغ تىزمىلىرىدىن بولغان مۇزتاغ ئاتا چوققىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى، ھەرخىل قىياپەتتىكى گېدرولوگىيەلىك يەر شەكلى ھالەتلىرىنى تاماشا قىلدى. ئارقىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىگە قاراپ يولغا چىقىپ، شۇ كۈنى توقسۇ ناھىيەسى جاي كەنتىدە ئېچىلغان توقسۇ چالغۇ ئەسۋابلار مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، بۇ يەردىكى چالغۇ ياسايدىغان كەسپىي ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ھەرخىل چالغۇلارنى قولدىن قولغا ئېلىپ كۆرۈشتى.

  26 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ساياھەتچىلەر بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسىگە كېلىپ، باغراش كۆلىنىڭ «ئاخۇن كەلدى» بۆلىكىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدى، كاتىرغا چۈشۈپ، ئېلىمىزنىڭ «ئەڭ غەربىدىكى دېڭىز» دەپ ئاتالغان بۇ كۆلدە بىپايان كەتكەن قۇمۇشزارلىقلارنى، تۈرلۈل ياۋايى قۇشلارنى كۆردى، چۈشتە بۇ يەردە بېرىلگەن بېلىق زىياپىتىگە داخىل بولغاچ، موڭغۇل مىللىتىنىڭ ئېسىل ناخشا – مۇزىكىلىرىدىن بەھر ئالدى.

  ــ دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمىي يىپەك يولى بۆلىكىدىكى بۇ شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ماڭا بۇ يەردىكى ئۇيغۇر، قىرغىز، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشكە بىر پۇرسەت بولدى، بۇ قېتىم جۇڭگو ياشلار كوپىراتىپى شىنجاڭ شېركىتى بىلەن ئۆكتەبىرگىچە 500 كىشىلىك ئۆمەك تەشكىللەش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىدىم، مېنىڭچە مېنىڭ ئەكەلگەن مېھمانلىرىم بۇ يەرنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت مىراسلىرىنى، گۈزەل مەنزىرىلىرىنى كۆرگەندە چوقۇم ماڭا كۆپ رەھمەت ئېيتىدۇ،- دېدى خاربىن «ۋەننائېر» ساياھەت كوپىراتىپى مەسئۇلى جاڭ چاڭجۇ ماڭا.

  ئالتە كۈنلۈك بايرام جەريانىدا جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭ لېنىيىسىگە ئايرىلىپ گۈزەل شىنجاڭنى زىيارەت قىلغان مېھمانلارنىڭ ئورتاق تونۇشى شۇ بولدىكى، شىنجاڭغا كەلمىگەنلەر ۋەتەننىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى، گۈزەللىكىنى بىلەلمەيدىكەن. شىنجاڭ ھەربىر كىشىنىڭ ھاياتىدىكى بىر كۆرۈپ كېتىشكە ئەرزىيدىغان گۈزەل، ياخشى ماكان ئىكەن. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە