باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ساياھەت

تۇرپاننىڭ مەنزىرە نۇقتىلىرى 19-ماي ھەقسىز ئېچىۋىتىلىدىكەن

2013.05.16 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  19-ماي 3- قېتىملىق جۇڭگو ساياھەت بايرىمى، تۇرپاندىكى بارلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى ھەقسىز ئېچىۋىتىلىدۇ. بۇ جۇڭگو ساياھەت بايرىمى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيانقى شىنجاڭدىكى تۇنجى ھەقسىز ئېچىۋىتىلگەن ساياھەت نۇقتىسى.

  تۇرپاننىڭ ساياھەت تىجارىتىگە مەسئول تۇرپان تۇڭيى ساياھەت چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى جاڭ رۇيجىڭ مۇنداق دېدى، 19-ماي، ھەر قايسى ساياھەت نۇقتىلىرىدا كىرىش بېلىتى ئىلىنمايدۇ، ساياھەتچىلەر ئەگەر ساياھەت يېتەكچىسى ياكى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ بېلەت ساتقانلىقىنى بايقاپ قالسا، تۇرپان ساياھەت ئىدارىسىگە تېلىفون قىلىپ ئەرز قىلسا بولىدۇ، تۇرپاندىكى ئالاقىدار تارماقلار تۈرلۈك تەدبىر ۋە جازالاش چارىلىرىنى قوللىنىپ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئورۇن ياكى شەخسنى جازالايدۇ.ئىگىلىنىشىچە، تۇرپاندا بۇيلۇق، يالقۇنتاغ، كارىز قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى بار بولۇپ، يېقىنقى تۇرپان ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىدىن قارىغاندا ، ھەقسىز پائالىيەت يولغا قويۇلغانلىقتىن ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ كىرىمى 600 مىڭ يۈەن كېمىيىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە