باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ساياھەت

نارات مەنزىرە رايونىدا مەملىكەتلىك ئات بەيگىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2013.05.13 16:33         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-ماي، كۈنەس ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 15-ئىيۇندىن 25-ئىيۇنغىچە، كۈنەس ناھىيەسى دۆلەتلىك 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ناراتتا مەملىكەتلىك ئات بەيگىسى ئاشكارا مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىكەن.

  مۇسابىقە مەيدانى پۈتۈنلەي خەلقئارالىق ئۆلچەم بويىچە لايىھەلىنىپ ياسىلىدىكەن. بەيگە يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2500 نەچچە مېتىر، كەڭلىكى 24 مېتىر بولۇپ، يەنە بەش مېتىر كەڭلىكتىكى قۇتقۇزۇش يولى تەسىس قىلىنىدىكەن، 1000 مېتىرلىق، 1200 مېتىرلىق، 1600 مېتىرلىق قاتارلىق 10 نەچچە تۈرلۈك ئات بەيگىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  مۇسابىقە ساپ نەسىللىك (قانلىق) ئات، ئۆز مەملىكىتىمىزدىن چىققان ئات ۋە يورغا ئاتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلغان بولۇپ، 1000 مېتىرلىق، 1200 مېتىرلىق قاتارلىق 11 مۇساپىلىك مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى بىر مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.

  نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالتە چەۋەندازلىق كۇلۇبى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە، ساياھەتچىلەر يەنە چەۋەندازلىق ماھارىتى، ئات مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى، چىلانتۇرۇق ئات كۆرگەزمىسى، ئاۋىياتسىيە مودېلى، قىز قۇۋار، ئوغلاق تارتىشىش، قازاق مىللىتىنىڭ چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇلى قاتارلىقلارنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن، ئات ئۈستىدىكى قازاق مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتى، تەمى تىلدا قالىدىغان يايلاق يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى بىۋاستە ھېس قىلىپ باقىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى باش بولۇپ ئۆتكۈزگەن، كۈنەس ناھىيەلىك ھۆكۈمەت، شىنجاڭ چەۋەندازلىق ھەرىكىتى جەمئىيىتى، نارات مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە كۈنەس ناھىيەلىك ‹‹تيەنجياۋ›› (تەڭرىقۇت) چىلانتۇرۇق ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە