باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ساياھەت

شىئەن-دۈنخۇاڭ-تۇرپان ھاۋا لىنيەسى 20-ئاپرېل رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ

2013.04.18 17:03        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

سۈرەتتە : 17–ئاپرېلدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى
  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى : ‹‹ بوشلۇقتىكى يىپەك يولى ئالتۇن لىنىيەسى›› — شىئەن-دۈنخۇاڭ-تۇرپان ھاۋا لىنىيەسى 20-ئاپرېل رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ . بۇ يېڭى ھاۋا لىنىيەسى شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك ، ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بوشلۇقتىكى مۇستەھكەم كۆۋرۈك بولۇپ قالىدۇ ، بۇ شىنجاڭ بىلەن شەنشى ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە گۈزەل شىنجاڭ ، گۈزەل تۇرپان قۇرۇپ چىقىش يولىدىكى كاتتا ياردەم ھېسابلىنىدۇ .

  ئىگىلىنىشىچە ، بۇ لىنىيەدە تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى قاتناشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ ، ھەر كۈنى بىر قېتىم قاتنايدىكەن، 7497 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ يۆنىلىشى شىئەن-دۈنخۇاڭ-تۇرپان بولۇپ ، چۈشتە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 1:45 تە شىئەندىن ئۇچۇپ ، سائەت 2:25 تە دۈنخۇاڭغا يېتىپ بارىدىكەن ، دۈنخۇاڭدىن سائەت 2:55 تە ئۇچۇپ ، سائەت 3:55 تە تۇرپانغا يېتىپ بارىدىكەن . 7498-نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ يۆنىلىشى تۇرپان-دۈنخۇاڭ-شىئەن بولۇپ ، چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 4:45 تە تۇرپاندىن ئۇچۇپ ، سائەت 5:45 تە دۈنخۇاڭغا يېتىپ بارىدىكەن ، سائەت 6:25 تە دۈنخۇاڭدىن ئۇچۇپ ، سائەت 8:35 تە شىئەنگە يېتىپ بارىدىكەن .

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە