- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
6-نۆۋەتلىك قاناس قار-مۇز مەنزىرىسى ساياھەت بايرىمى 1-يانۋار ئۆتكۈزۈلىدۇ
2012.12.11 16:12 مەنبە: خەلق تورى
6-نۆۋەتلىك شىنجاڭ قاناس قار-مۇز ساياھەت بايرىمى 2013-يىلى 1-يانۋار، ئاپئاق قارغا پۈركەنگەن گۈزەل قۇمقاناس مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ .
بۇ نۆۋەتلىك قار-مۇز ساياھەت بايرىمىنىڭ ئاساسىي تېمىسى — شادلىققا تولغان قارلىق يېزىدا يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش.
قاناس قار-مۇز ساياھەت بايرىمى 2008-يىلى ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىغاندىن بۇيان ، شىنجاڭ ھەتتا جۇڭگودىكى ئۆزگىچە سېھرى كۈچكە ئىگە بايراملارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ ، نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى . 2011-يىلى ، 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو مىللىي بايراملار يىغىلىشىدا ، شىنجاڭ قاناس قار-مۇز ساياھەت بايرىمى ئەڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مىللىي بايرام شەرىپىگە ئېرىشتى .
2012-يىلى، قاناس مەنزىرە رايونى جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 1 مىليون 68 مىڭغا يېتىپ، %17.8 ئاشقان، ئىشىك بېلىتى كىرىمى 112 مىليونغا يېتىپ، %16.1 ئاشقان. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 8650 يۈەنگە يېتىپ، 1030 يۈەن ئاشقان.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە