باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ساياھەت

7-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قار-مۇز ساياھىتى بايرىمى 30 - نويابىر باشلىنىدۇ

2012.11.12 10:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 12-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن 9 - نويابىر ئىگىلىشىمچە، 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قار - مۇز ساياھىتى بايرىمى ۋە قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى 30- نويابىردىن 2 - دېكابىرغىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  ساياھەت بايرىمى كۈن تەرتىپى بويىچە 30 - نويابىر قار - مۇز ساياھىتى بايرىمى ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، 1 -دېكابىر تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى سەيلىگاھىدا سانجى ئوبلاستى تەڭرىتاغ قار - مۇز ساياھىتى بايرىمىنىڭ ئېچىىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىكەن، ئۇندىن باشقا يەنە ئالتاي، شىخەنزە، قاراماي، بارىكۆل، ئارشاڭ قاتارلىق جايلاردا تۈرلۈك يۈرۈشلۈك قىشلىق ساياھەت بايراملىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت بايلىقى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى مەسئۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇدا ئالتە نۆۋەت مۇۋەپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ساياھەت بايرىمىنىڭ نامى بۇ يىل »جۇڭگو غەربىي رايون قار - مۇز ساياھەت بايرىمى« غا ئۆزگەرتىلىشى مۈمكىن ئىكەن. نۆۋەتتە، مۇناسىۋەتلىك يوليورۇقلار ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىغا يوللانغان.( دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە