‹‹نازىنا›› بالىلارغا بايراملىق ‹‹داستىخان›› سالدى
31 – ماي چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى ‹‹نازىنا›› خەلقئارا سودا ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ لىدىرى ئەنۋەر ھەسەن ئەپەندى ۋە رەپىقىسى سايرام خانىم ‹‹داستىخان›› تەييارلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 52 – باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بالىلارنى يوقلىدى. بالىلار ئۇلارنىڭ سوۋغاتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئىنتايىن خۇشال بولۇشتى ھەم رەھمىتىنى بىلدۈردى.
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار 2008 – يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داپۇگۇ كەنتى ۋە مىللەتلەر كەنتىدىكى نامرات ئائىلىلەردە ئوقۇشسىز قالغان 58 بالىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 52 – باشلانغۇچ مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، 55 مىڭ 680 يۈەن ئاجرىتىپ ئۇلارنىڭ تۈرلۈك خىراجەتلىرىنى ھەل قىلغانىدى. لېكىن بالىلارنىڭ دەپتەر – قەلەم، سومكا قاتارلىق ئوقۇش ماتېرىياللىرى، مەكتەپ فورمىسى قاتارلىقلارغا يەنە پۇل كېتەتتى. ئۈرۈمچى ‹‹نازىنا›› خەلقئارا سودا ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئەنۋەر ھەسەن ئەپەندى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، داپۇگۇ كەنتى ۋە مىللەتلەر كەنتىگە بېرىپ، ئۆيمۇ ئۆي ئارىلاپ، بۇ جايدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، بەزى ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشى ھەقىقەتەن نامرات ئىدى. ئەنۋەر ئەپەندى شۇ يىلى بالىلار بايرىمىدا تۇنجى قېتىم بالىلارغا 6000 يۈەن قىممىتىدىكى ئوقۇش قوراللىرى ۋە مەكتەپ فورمىسى ئىئانە قىلدى. بۇ يىل بايرامدا ئۇ يەنە بالىلارنى ئۇنتۇپ قالماي، 6000 يۈەن قىممىتىدىكى مەكتەپ فورمىسى، دەپتەر، قەلەم قاتارلىقلار بىلەن بالىلارنى يوقلىدى ھەم: سىلەر تىرىشىپ ئوقۇيدىغانلا بولساڭلار، مەن ياردىمىمنى ئايىمايمەن، دەپ، ئۇلارنى تىرىشىپ ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈردى.(مۇخبىر روشەنگۈل ئابدۇراخمان خەۋىرى )
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىريە(پراكتىكانت)