باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

تېلېفون ئالدامچىلىقىدىن ھوشيار بولۇڭ

2015.10.14 16:19         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندىن بۇيان جەمئىيەتتە ئاڭلاپ باقمىغان يېڭى ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى پەيدا بولۇپ قالدى. بۇ، كىشىلەرنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىك پەيدا قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىكى ئالدامچىلارنىڭ تېلېفوننى ۋاسىتە قىلىپ كىشىلەرنى ‹‹دامى››غا چۈشۈرۈشتۇر.

  يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى گۈلنارنىڭ ئۆيىگە ناتونۇش بىر تېلېفون كېلىپ، تېلېفون بەرگۈچى گۈلنارنىڭ پوچتىخانىدا سىرتتىن ئەۋەتىلگەن بىر پوسۇلكىسىنىڭ بارلىقىنى، تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن تېلېفوننىڭ ‹‹9›› كۇنۇپكىسىنى بېسىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. گۈلنار بۇنى ئاڭلاپ تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويمايلا ‹‹9›› كۇنۇپكىسىنى باستى. تېلېفون باشقا بىر يەرگە ئۇلىنىپ، تېلېفوندا يەنە ‹‹ياخشىمۇ سىز›› دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، گۈلنار پوچتىخانىدا پوسۇلكىسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقىنىدا قارشى تەرەپ ئۇنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، كىملىك نومۇرى ھەم قول تېلېفونىنىڭ نومۇرىنى سورىدى، گۈلنارمۇ پوچتىخانا خادىمى ‹‹بۇ ئۇچۇرلار ئارقىلىق پوسۇلكامنى تاپىدۇ›› دەپ ئويلاپ، ئىككىلەنمەستىن يەڭگىلتەكلىك بىلەنلا دەپ بەردى. تېلېفون تۇرۇپكىسىدا كومپيۇتېردا خەت بېسىۋاتقان ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇردى، تېلېفون ئۇرغۇچى بىر ئازدىن كېيىن گۈلنار ئىسىملىك بىرسىنىڭ شاڭخەي تەرەققىيات بانكىسىدىن 50 مىڭ يۈەن قەرز ئالغانلىقىنى، قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن بانكىنىڭ سۈرۈك قەغىزى ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇنى ئاڭلىغان گۈلنار ھەيران بولۇپ، ئۆزىنىڭ شاڭخەيگىمۇ بېرىپ باقمىغانلىقىنى، بانكىدىن قەرز ئالغان ئىشىنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقىنىدا، تېلېفون بەرگۈچى گۈلنارنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ راست بولسا دەرھال شاڭخەي شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە دېلو مەلۇم قىلىشىنى تاپىلاپ تېلېفوننى بېسىۋەتتى. بۇنى ئاڭلاپ ھەيران بولغان گۈلنار نەگە تېلېفون ئۇرۇشىنى بىلمەي تۇرغىنىدا ئارىدىن بىر مىنۇت ئۆتە – ئۆتمەي ئۆيىگە يەنە تېلېفون كەلدى. بۇ قېتىم تېلېفون ئاتالمىش‹‹شاڭخەي شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ساقچىخانا››دىن ئۇرۇلغانىدى. تېلېفون ئۇرغۇچى ھازىر بىرسىنىڭ ئالدانغانلىق توغرىسىدا دېلو تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، ئالدانغان كىشىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن بولۇپ، كىملىك نومۇرىدىكى ئىسمىنىڭ گۈلنار ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ، بۇ كىشىنىڭ ھەقىقەتەن بانكىدىن 50 مىڭ يۈەن قەرز ئالغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پۇل يۇيۇش جىنايىتىگە چېتىلىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنى ئاڭلىغان گۈلنار بېشىدىن بىر چېلەك سوغۇق سۇ قۇيغاندەك چۆچۈپ كەتتى. چۈنكى قارشى تەرەپ دەۋاتقان ئىسىم – فامىلە، كىملىك نومۇرى توپتوغرا ئۆزىنىڭ ئىدى، ئۇ ئۆزىنى ئاقلاپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. لېكىن قارشى تەرەپ بۇنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ پۈتۈن بانكا كارتىلىرىدىكى كىرىم – چىقىم ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بانكا كارتىسىنىڭ نومۇرى ھەم مەخپىي نومۇرىنى ئېيتىپ بېرىشكە قىستىدى. دەسلەپتە گۈلنار ئۆزىنىڭ ئۇنداق جىنايى قىلمىشى يوقلۇقىغا ئىشەنگەچكە، ئۇنىڭ گېپىگە ئانچە ئېرەن قىلمىدى. لېكىن، ئۆزىنى ساقچى دەپ تونۇشتۇرغان كىشىنىڭ ئۇنىڭ كەسپى، ئائىلىسىدە نەچچە پەرزەنتى بارلىقىنى توپتوغرا ئېيتىپ بېرەلىشى ئۇنى ھەقىقىي ئىشەندۈردى. نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان گۈلنار ئۆزىنىڭ كارتىسىغا مائاشىدىن باشقا قالايمىقان پۇل كىرىپ باقمىغاچقا، ئۇنىڭدىكى ھېساباتنى تەكشۈرۈپ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن كارتا نومۇرى ھەم مەخپىي نومۇرىنى قارشى تەرەپكە ئېيتىپ بەردى. ئون، ئون بەش مىنۇتتىن كېيىن گۈلنارنىڭ تېلېفونىغا بانكا كارتىسىدىن پۇل ئېلىنغانلىق ئۇچۇرى كەلدى. ئۇ شۇ چاغدىلا ھوشىنى يىغىپ ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلدى. گۈلنار كەلگەن تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون ئۇرۇۋېدى تېلېفون ئۇلانغىچە رەڭلىك قوڭغۇراقتا شاڭخەي شەھىرى مەلۇم رايوننىڭ ساقچىخانىسى دېگەن ئاۋاز چىقتى، لېكىن تېلېفوننى ئالىدىغانغا ئادەم چىقمىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى ئۆمەر ئوسمان بۇ ئالدامچىلىق ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدا يېقىندىن بۇيان مۇقىم تېلېفون، قول تېلېفونلارغا قالايمىقان تېلېفون ھەم ئۇچۇرلار كۆپ كېلىدىغان، بەزىبىر ساددا كىشىلەرنى ھەر خىل يوللار بىلەن ئالداپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچراۋاتىدۇ. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۈندىدارى تېلېفون نومۇرىغا چېتىقلىق بولىدۇ، بۇنداق ئالدامچىلار باشقىلارنىڭ قول تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۈندىدارىغا كىرىپ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئىگىلەيدۇ، شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈپ، ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرىدۇ. شۇڭا، پۇقرالار ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى، پۇقرالار بېرەر دېلوغا چېتىلىپ قالسا قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ تېلېفوندا بىر تەرەپ قىلماي، چوقۇم شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنى تېپىپ ئەھۋال ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. تونۇمايدىغان نومۇرلاردىن تېلېفون ياكى ئۇچۇر كېلىپ، بۇ تېلېفون ئىگىسىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى، مەلۇم بىر كۇنۇپكىنى بېسىش ۋە ياكى قايسى بىر تور بەتلىرىگە چىقىپ مۇكاپاتىنى ئېلىۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، پۇقرالارنىڭ بۇنىڭدىن بەك ھوشيار بولۇشىنى، ساددىلىق بىلەن ئازراق مەنپەئەتنى ئويلىماسلىقىنى، بۇنداق ناتونۇش كىشىلەردىن كەلگەن تېلېفونلار ئالدامچىلىق شىركىتىنىڭ ھىيلىسى بولۇپ، ئۇلارغا ماسلىشىپ مەشغۇلات قىلغاندا چوڭ زىيان تارتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  قىسقىسى، تور ئالدامچىلىقىدىن ساقلىنىشتا كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىشىغا پۇختا بولۇپ، كىملىكىنى مەھكەم ساقلىشى، شەخسىي ئۇچۇرىنى باشقىلارغا قالايمىقان ئاشكارىلىماسلىقى كېرەك. شۇڭا، ئاسانلىقچە باشقىلارغا ئالدىنىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىمىزگە ئىشىنىشىمىز، ئالدامچىلارغا ماسلىشىپ بەرمەي، بۇنداق تېلېفونلارنى دەرھال ئۈزۈۋېتىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر