باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماشىنىسازلىق فاكۇلتېتىدا بىر سىنىپتا 103 نەپەر ئوغۇل، بىر نەپەر قىز بولغانلىقتىن مەلىكە سىنىپى دەپ ئاتالغان

2013.09.26 21:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  103 نەپەر ئوغۇل، بىر نەپەر قىز. بۇ جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر سىنىپىدىكى قىز-ئوغۇللار سانى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل كۈزدە يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىپ، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى سىنىپ ئايرىلغاندىن كېيىن، ماشىنىسازلىق فاكۇلتېتى، ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسىپى 2 –سىنىپىنىڭ قىز-ئوغۇللار نىسبىتى 103:1 بولغان. ماشىنىسازلىقنى ئۆگىنىشتە دەرسلىك كۆپ، مېخانىكا، قۇرۇلۇش خەرىتىسى ئۆگىنىشكە بولغان تەلەپ يۇقىرى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان شۇنداقلا تەن قۇۋۋىتىگىمۇ بولغان تەلەپ يۇقىرى بولغانلىقتىن، قىز ئوقۇغۇچى نىسبەتەن ئاز بولغان. بىراق ئاز بولغاندىمۇ بۇنچىلىك ئاز بولۇشى ھەقىقەتەنمۇ كەمدىنكەم كۆرۈلىدۇ، بەلكىم پەقەت ماشىنىسازلىق فاكۇلتېتىدىلا مۇشۇنداق «مەلىكە سىنىپى» بولۇشى مۇمكىن.

  بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر