باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

لى ⅩⅩ قاتارلىق بەش كىشىنىڭ باسقۇنچىلىق دېلوسىغا بۈگۈن ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدۇ، ئۈچ جاۋابكار گۇناھىنى بوينىغا ئالدى، لى ⅩⅩ باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

2013.09.26 20:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ شەھىرى خەيديەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى لى ⅩⅩ قاتارلىق بەش كىشىنىڭ باسقۇنچىلىق دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىدۇ. 8-ئاينىڭ 28-، 29-كۈنلىرى، خەيديەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى لى ⅩⅩ قاتارلىق بەش كىشىنىڭ باسقۇنچىلىق دېلوسىنى يېپىق سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى، ئىككى جاۋابكار ئەيىبنامىدىكى پاكىت ۋە جىنايەتنى ئىنكار قىلدى، ئۈچ جاۋابكار ئەيىبنامىدىكى شىكايەتكە باشقىچە پىكىردە بولمىدى ۋە سوتتا كەچۈرۈم سورىدى، بىر قىسىم جاۋابكارلارنىڭ قانۇنىي ۋەكىللىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا تۆلەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لى ⅩⅩياڭⅩنى ئۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى.

  تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ سوت مەھكىمىسى تور بېكىتىدە ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خەيديەن سوت مەھكىمىسى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىندى. يىغىندىن كېيىن، خەيديەن سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار خادىمى خەلق تورى، بېيجىڭ سوت مەھكىمىسى تور بېكىتى، بېيجىڭ سوت مەھكىمىسى بىۋاسىتە كۆرسىتىش تور بېكىتىدە تورداشلار بىلەن پىكىرلىشىدۇ. بېيجىڭ سوت مەھكىمىسى تور بېكىتىنىڭ مىكروبىلوگىدا مەزكۇر دېلوغا ھۆكۈم ئېلان قىلىش، خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ۋە تور زىيارىتىنىڭ ئەھۋاللىرى بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر