باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن، شېنياڭدا ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، بىر ئادەمنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يايمىچى شيا جۈنفېڭنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى

2013.09.26 20:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن،شېنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن ساقچىلىرى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شېنياڭدا ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، بىر ئادەمنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يايمىچى شيا جۈنفېڭنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدى.

  شيا جۈنفېڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ تيېلىڭ ناھىيەسىدىن بولۇپ، دېلودىن بۇرۇن شېنياڭ شەھىرى شېنخې رايونىدىكى نەنلېجياۋ يولى بىلەن فېڭيۈتەن كوچىسىنىڭ دوقىسىدا ياقما كاۋاب يايمىسى ئېچىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى.

  سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، 2009-يىل 5-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 11لەردە، شياۋ جۈنفېڭ يايمىسىنى ئېچىپ تېخى جابدۇقلىرىنى راستلىماي تۇرۇپلا، شېنياڭ شەھىرى بازار باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى شېنياڭ شۆبىسىنىڭ شېن كەي، جاڭ شۈدۇڭ، جاڭ ۋېي قاتارلىق قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن. شيا جۈنفېڭ بازار باشقۇرۇش قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە شېنياڭ شەھىرى بازار باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى شېنياڭ شۆبىسىنىڭ بىنخې چارلاشخانىسىغا جەرىمانە قويۇش ئىشىنى بېجىرگىلى كەلگەن. بۇ ئارىلىقتا، شيا جۈنفېڭ شېن كەي، جاڭ شۈدۇڭلار بىلەن ماجىرالىشىپ قېلىپ، يېنىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ شېن كەينىڭ كۆكرەك ۋە دۈمبىسىگە، جاڭ شۈدۇڭنىڭ كۆكرەك ۋە قورسىقىغا، جاڭ ۋېينىڭ قورسىقىغا نەچچە پىچاق تىقىۋېتىپ، شېن كەي بىلەن جاڭ شۈدۇڭنىڭ ئۆلۈشىنى، جاڭ ۋېينىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 2009-يىل 11-ئايدا، لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى شيا جۈنفېڭغا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلغان. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شيا جۈنفېڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنغان. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر