- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


يول تۆۋىنىگە چۈشۈپ كېتىۋاتقان ماشىنىسىنى توختىتىۋالماقچى بولغان ئەر ماشىنىسىغا سوقۇلۇپ ئۆلدى
2013.09.16 13:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭشى لەيبىن شەھىرى شىياڭجوۋ ناھىيەسى سىسۈن كەنتى ئاھالىسى لېي تېخى يېقىندىلا يېڭى بىر ماشىنا ئالغان بولۇپ ماشىنىسىنى ئىنتايىن ئاسرايتتى. 11-سېنتەبىر ئۇ يول تۆۋىنىگە سېيرىلىپ كېتىۋاتقان ماشىنىسىنى توسۇپ توختىتىۋالماقچى بولغاندا، ئامراق ماشىنىسىغا سوقۇلۇپ بەختكە قارشى قازا قىلدى.
ساقچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 11-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، خېنەن لىڭجيې سۇ ئىنشائاتى تەكشۈرۈپ ـ ئۆلچەش لايىھەلەش تەتقىقات چەكلىك شىركىتىنىڭ گۇاڭشى نەننىڭ شۆبە شىركىتىدىكى ليۇ ئەپەندىم قاتارلىق ئۈچەيلەن خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن، لېي ئەپەندىنىڭ ماشىنىسىنى ئىجارىگە ئېلىپ شياڭجوۋ ناھىيەسى مياۋخۇاڭ يېزىسى شىنزاۋ كەنتىگە بارماقچى بولغان ھەمدە لېي ئەپەندىم ماشىنا بىلەن ئۇلارنى بارىدىغان جايىغا ئاپىرىپ قويماقچى بولغان. شىنزاۋ يېزىسىغا كەلگەندە ليۇ ئەپەندىم قاتارلىقلار ماشىنىدىن چۈشۈپ خىزمەتكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگەللىمەكچى بولغان، لېي ئەپەندىممۇ ماشىنىنى توختىتىپ قول تورمۇزى قىلغاندىن كېيىن ماشىنىدىن چۈشكەن.
نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، لېي ئەپەندىم ماشىنىسىنىڭ تويۇقسىز يول تۆۋىنىگە سېيرىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ جىددىيلىشىپ ئېتىلىپ بېرىپ توسۇپ توختاتماقچى بولغان، بىراق ئۇ ماشىنا توختاتقان يەر يول تۆۋىنى بولغاچقا، ماشىنا ئىنتايىن تېز سېيرىلىپ، لېي ئەپەندىم ماشىنىغا سوقۇلغاندىن كېيىن يول بويىدىكى سۇ ئازگىلىغا چۈشۈپ كەتكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل