باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

«ئەڭ گۈزەل غۇلجىلىق» غۇلجىنىڭ يەنە بىر كارتىنىسى

2013.08.14 13:59         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئابدۇرېشىت ئىسمائىل (سولدىكى) مەھەللىداشلىرى بىلەن بىرگە

  ئاپرېلدا غۇلجا دىيارى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان گېزىتنىڭ «ئەڭ گۈزەل غۇلجىلىق» سەھىپىسىگە بېسىلغان ئاددىي ئادەملەرنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  تاغ ئارىسىدا ياشاپ «ئەڭ گۈزەل يېزا دوختۇرى» شەرىپىگە ئېرىشكەن ئاددىي دوختۇر جۇماتاينىڭ ئىش-ئىزلىرى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغاندىن كېيىن، 19-مارت ئېلان قىلىنغان «ئەڭ گۈزەل غۇلجىلىق» دېگەن سەھىپىدە غۇلجىدا ياشايدىغان بىر قانچە ئاددىي كىشىلەرنىڭ ياخشى ئىش-ئىزلىرى بېسىلىپ، كىشىلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم دىققىتىنى تارتتى.

  «چېگرا بوستانلىقى» دەم نام ئالغان غۇلجىنىڭ گۈزەللىكى ھەممە كىشىگە تونۇشلۇق، ئەمەلىيەتتە غۇلجىنىڭ مەنزىرىسىدىنمۇ گۈزەل بولغىنى يەنىلا غۇلجىلىقلاردۇر.

  گۈزەل غۇلجا شەھىرىنىڭ ئۇزۇن تارىخى بار بولۇپ، كۆپلىگەن مىللەتلەر ۋە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدە غۇلجىلىقلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى نامايان قىلىنغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غۇلجا شەھىرىدە كەينى-كەينىدىن بىر تۈركۈم ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ياخشى تەسىرلەرنى قالغۇرغان شەخىسلەر مەيدانغا كەلدى. ئۇلارنىڭ باتۇرانە ھەرىكەتلىرى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى، ئۇلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقى غۇلجىلىقلارنىڭ يەنە بىر كارتىنىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  كۆۋرۈك ياسىغان 81 ياشلىق ئۇيغۇر بوۋاي ئىنايەت ئىسلام 36 يىل ئىچىدە يەتتە قېتىم ئاھالىلەرگە كۆۋرۈك ياساپ بېرىپ، ئىلى خەلقىنى ھەتتا جۇڭگودىكى بارلىق تور ئابونتلىرىنى تەسىرلەندۈرۈپ، «تۇپراق قەھرىمانى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن ئىدى.

  يۇقارقى خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان قەھرىمانلىرىمىزغا ئوخشاش غۇلجىدىن پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئابدۇرېشىت ئىسمائىلمۇ ئىلى دىيارىدىكى خەلقنىڭ بىر ياخشى پەرزەنتى، ئەڭ گۈزەل غۇلجىلىق. ئۇ 40 نەچچە يىللىق تەشۋىقات ھاياتىدا ئاممىباپ تىل بىلەن لېكسىيە سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئۇ لېكسىيە سۆزلەش ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ خۇش پۇراق گۈللىرىنى ھەريانغا چاچىدىغان پەزىلىتى كىشىلەر قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ئەڭ گۈزەل غۇلجىلىق ئېلىپ كەلگەن بۇ كۈچلۈك ئويۇشۇش روھى ھەربىر كىشىنىڭ قەلب تارىنى تىتىرتىپ، بىزگە جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، كەلگۈسىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى. بۇلار بىزنىڭ غۇلجىغا بولغان تەسىر كۈچىمىزنى ئاشۇرۇپ، غۇلجىنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇردى.

  ئەخلاق بىر خىل ئېتىقاد، بىر خىل مېھىر-مۇھەببەت، بىر خىل مەسئۇلىيەت. ئەڭ گۈزەل غۇلجىلىقلارنىڭ جىسمىدا ۋە روھىدا «ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ تەقدىم قىلىدىغان، ئۆزئارا ياردەملىشىدىغان، ئالغا ئىنتىلىش روھى» بار. بىر ئادەمنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى قانچە چوڭقۇر بولىدىكەن، تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا چوڭقۇرلىشىپ بارىدۇ. كىشلىك ھايات نىشانى ئېنىق بولسا، ياشاشقا نىسبەتەن ئىشەنچ بولىدۇ.

  بىز گۈزەل غۇلجا قۇرۇش جەريانىدا، شۇنى ھېس قىلالايمىزكى ئەمەلىيەتتە ھەربىرىمىز گۈزەل غۇلجىلىقلارغا ئوخشاش ئاددىي بولمىغان ئىشلارنى قىلالايمىز. باشقىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، بىز پەقەت ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشنى خالىساقلا، ئەتراپقا «ئېنېرگىيە» تارقىتىپ، ئەتراپىتىكى كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتەلەيمىز.

  «ئەڭ گۈزەل غۇلجىلىق»نىڭ روھى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتمەكتە. پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى ھەربىر كادىر ئاممىسى ئۇلارنىڭ روھىدىن ئۈگىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىپ، غۇلجىلىقلارنىڭ پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، جاسارەتلىك-ياراملىق روھىنى ئۈلگە قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئورتاق تىرىشقاندىلا، ئىشىنىمەنكى جەمئىيىتىمىز تېخىمۇ گۈزەل، تۇرشىمىز تېخىمۇ كۆڭۈللۈك بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل