باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

ئۈرۈمچىدە نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكتۈرۈلگەنلىكتىن يولۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

يولۇچىلار 300 يۈەن تۆلەمگە ئېرىشتى

2013.06.05 17:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3-ئىيۇن كەچتە، دۆلەت ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا ئۇچىدىغان CA1298 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئالتە سائەتتىن كۆپرەك كېچىكىپ، 190 يولۇچى تۇرۇپ قېلىپ، قىسمەن يولۇچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئاخىرى، ھەر بىر يولۇچى 300 يۈەن تۆلەمگە ئېرىشتى.

  «چۈشتىن كېيىن سائەت 6:00لەردىن ئاشقاندا، خىزمەتچى خادىم بىزگە ئايروپىلاننىڭ بىر سائەت كېچىكىپ ئۇچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، سائەت 7:00 بولغاندا بىز ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بىجىردۇق، ئون مىنۇت ئولتۇرا ـ ئولتۇرمايلا بىزنى چۈشۈشكە بۇيرىدى، خىزمەتچى خادىم بىزگە ئايروپىلاننىڭ رېمونت قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.» دېدى يولۇچى ۋاڭ جيې. سائەت 21:00 بولغاندا، خىزمەتچى خادىم يەنىلا ئايروپىلاننىڭ ياسىلىپ بولمىغانلىقىنى، ئەتە سائەت 1:00 دە باشقا بىر ئايروپىلانغا ئالمىشىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى.يولۇچى ليۇ چىڭمېي : ئايروپىلان ساقلاش مەزگىلىدە مەن ۋە ياشتا چوڭراق 15 كىشى مېھمانخانىدا ئارام ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇق، ئۇلار بىزنى سائەت 10:00 غا يېقىن مېھمانخانىغا ئاپىرىپ قويۇپ، كەچ سائەت 11:02 ئۆتكەندە يەنە بىزنى ئالغىلى كەلدى، بېرىپ ـ كېلىشكە 40 مىنۇتتەك ۋاقىت كەتتى، مېھمانخانىدا تۇرغان ۋاقىتىم 20 مىنۇتقىمۇ يەتمەيدۇ» دېدى.

  دۆلەت ئاۋىئاتسىيەسى ئۈرۈمچى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مەسئول خادىمى سۈي ئەپەندى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى، بۇ قېتىملىق كېچىكىش ئايروپىلاندىن كاشلا چىققغانلىقتىن بولدى، ئايروپىلان كۈتكۈچىلىرى يولۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىركىتىمىز خېرىدارلارغا ئىقتىسادىي تۆلەم بەردى.

  «ئايروپورتتىكى ھەر بىر يولۇچى 300 يۈەن ئىقتىسادىي تۆلەمگە ئېرىشتى، باشقا يولۇچىلار ئىناۋەتلىك كىملىكىنى تەمىنلەپ بەرسىلا، شىركىتىمىز تۆلەمنى پوچتىدىن پېرىۋوت قىلىپ بېرىدۇ ياكى بانكا كارتىسىغا سېلىپ بېرىدۇ.» دېدى سۈي ئەپەندى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 4-ئىيۇن سەھەر سائەت 1:00دە، 162 يولۇچى دۆلەت ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ يەنە بىر ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىدىن ئايرىلغان، باشقا 28 نەپەر يولۇچى بىلەت قايتۇرغان ياكى ۋاقىتنى ئۆزگەرتكەن. (يۈ خۇيرۇ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە