باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

يالغۇز قالغان بالىلارغا كىم ھەمراھ بولىدۇ

2013.05.30 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

يۈننەندىكى ئۆي بېقىپ قالغان بالا مومىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا تاپشۇرۇق ئىشلىمەكتە.
  ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر بەش بالىنىڭ بىرى ئۆي ساقلاپ قالغان بالا بولۇپ، ئۆي ساقلاپ قالغان بالىلارنىڭ سانى داۋاملىقكۆپىيىۋېتىپتۇ. ئۆي ساقلاپ قالغان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى تارقاق ھالەتتە بولۇپ، تۇغقانچىلىق مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ كەملىكى تۈپەيلىدىن تەربىيەلىنىش مەسىلىسى كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋېتىپتۇ، ئۆي ساقلاپ قالغان ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بىر قىسىم بالىلاردا ئادەتتىكىساۋاتلاردىنمۇ خەۋەرسىز ئىكەن، ھەتتا ئائىلە تەربىيەسىنىڭ كەملىكى تۈپەيلىدىن دائىم زىيان-زەخمەتكە ئۇچرايدىكەن.

  تەكشۈرۈشتىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆي ساقلاپ قالغان بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك غېرىبسىنىدىكەن، ئۇلاردا پىسخىكىلىق مەسىلە كۆرۈلۈش نىسبىتى %57.14كە يېتىدىكەن، ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۇزاق مەزگىل ئايرىلىپ تۇرغانلىقى، تۇغقانچىلىق مېھىر-مۇھەببىتىنىڭيېتەرسىزلىكى، ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئاجىزلىقىسەۋەبىدىن ئۆي ساقلاپ قالغان بالىلاردا ئۆگىنىش ۋە ئالاقىدە تەشۋىشلىنىش، زىيادە سەزگۈرلۈك، ئاسان ھاياجانلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەن.

  بىر تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشچە، يېزىدا ئۆي ساقلاپ قالغان 46.74 پىرسەنت بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى سىرتقا ئىشلەمچىلىككە چىقىپ كەتكەنىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بوۋا-مومىسى بىلەن بىللە تۇرىدىغانلارنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، %32.67كە يېتىدىكەن. ئۆي ساقلاپ قالغان بالىلارغا قاراۋاتقانبوۋاي-مومايلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 59.2 ياش بولۇپ، مۇتلەق كۆپىنچىسى باشلانغۇچ مەكتەپ مەلۇماتىدا ئىكەن.

  مۇتەخەسسىسلەر مىقدارئازايتىش مېخانىزمى بەرپا قىلىش بىلەن ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئۆي ساقلاپ قالغان بالىلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى بەردى، بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى ۋە كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سىرتتا ئىشلەۋاتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىيۇرتىغا قايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلىش؛ سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقان دېھقان ئىشلەمچىلەردىنشارائىتى بارلارنى ئائىلىسى ۋە پەرزەنتىنى شەھەرگە بىللە ئېلىپ كىرىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ،قوللاپ ۋە ئۇلارغاياردەم بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ يېزا بالىلىرىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا چوڭ بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش، يېزىدا ئۆي ساقلاپ قالغان بالىلارنىڭ سانىنى ئازايتىش،ۋەھاكازالار.( بەي لىن، ليۇ ۋېنشاۋ خەۋىرى؛جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە