باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

چاڭچۇندىكى ماشىنا بۇلاپ، بوۋاق ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا تۇنجى سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

جاۋابكار جوۋ شىجۈن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى

2013.05.28 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي چاڭچۇندىن بەرگەن خەۋىرى: چاڭچۇن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار جوۋ شىجۈننىڭ قاتىللىق، بۇلاڭچىلىق دېلوسىنى قانۇن بويىچە قاراپ چىقتى، ھەم بىرىنچى سوت ھۆكۈمىنى چىقاردى؛ ئۇ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئۈچۈن، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى؛ بۇلاڭچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن، مۇددەتلىك بەش يىللىق قاماق جازاسى ھەم 50 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش جازاسى بېرىلدى؛ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش، ھەم 50 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش قارار قىلىندى؛ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنى ئۈچۈن 17 مىڭ 98.5 يۈەن تۆلەشكە بۇيرۇلدى. كېسىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جوۋ شىجۈن نارازىلىق ئەرزى سۇندى.(جۇ داۋېي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە